تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

خىزمەت ئىزدەشتە «كىنىشكىنى تۇتۇپ قېلىش» تۇزىقىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!

   تۇزاق: بەزى بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ساقلاپ بېرىش ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش، مائاش كارتىسى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىش نامى بىلەن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كىملىكى، دىپلومى، ئىلمىي ئۇنۋان كىنىشكىسى قاتارلىق شەخسىي كىنىشكىلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ.

  دىققەت! ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر كىنىشكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى باشقىلارغا تاپشۇرماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا، پەقەت ئالاقىدار خادىملارغا كۆرسەتسىلا بولىدۇ. كىنىشكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى فوتو باسما نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، مۇۋاپىق ئورۇنغا كونكرېت ئىشلىتىلىش مەقسىتى، ئورنىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.