تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

جەنۇب-شىمالدىن كەلگەن سودىگەرلەر تۇرپانغا جەم بولۇپ، بىر كۈندە 105 مىڭ توننا زاكاز ئىمزالىدى

   7-ئاينىڭ 14-كۈنى، «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» 2026-يىللىق تۇرپان ئۈزۈم پەسلىنى باشلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى چوڭ تىپتىكى مېۋە توپ سېتىش بازارلىرى، زەنجىرسىمان يېڭى ئۈزۈم سېتىش يوللىرىدىكى سودىگەرلەر تۇرپانغا جەم بولۇپ، نەق مەيداندا سەككىز گۇرۇپپا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تاماملىدى، ھۆل ئۈزۈم زاكاز ئومۇمىي مىقدارى 105 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ھۆل ئۈزۈم سېتىشتا تۇنجى ئىش ياخشى باشلاندى.

   پائالىيەت كۈنى، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋەكىللىرى تۇرپان ئۆلچەملەشكەن ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىغا بېرىپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ھۆل ئۈزۈم يىغىۋېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئاق كىشمىش قاتارلىق ئۈزۈم سورتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى يېقىن ئارىلىقتىن تەكشۈردى. جېجياڭ جياشىڭ مېۋە-چېۋە بازىرىنىڭ باش دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: «تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ بۇ بازارغا كىرگىنىگە نەچچە ئون يىل بولدى، تاتلىق تەمىگە تايىنىپ مۇقىم ياخشى باھاغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ مېۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جياشىڭ مېۋە بازىرىدىن ئىبارەت مەملىكەت بويىچە بۇ چوڭ تىپتىكى 1-دەرىجىلىك توپ سېتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تۇرپان ئۈزۈمىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخىرقى ئۇچ بازارلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» 2026-يىللىق تۇرپان ئۈزۈم پەسلىنى باشلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تۇرپاننىڭ ئۆلچەملەشكەن ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە.   تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى

   كۇنمىڭ خەيگۇاڭشىڭ مېۋە-چېۋە بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تەن رۇي سىرتقا سېتىش يېڭىچە پىكىر يولىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ بازار بۇ يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، بازارنىڭ ئورنى غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ 1-دەرىجىلىك مېۋە-چېۋە توپ سېتىش بازىرى قىلىپ بېكىتىلدى. «بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر تۈركۈم نىشانلىق سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى تۇرپانغا كېلىشكە تەشكىللىدۇق، كۇنمىڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۇرپان ئۈزۈمىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان يېپيېڭى سىرتقا سېتىش زەنجىرسىمان يولى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى تەن رۇي.

   خېما شيەنشېڭ، بەيگويۈەن قاتارلىق زەنجىرسىمان يېڭى مېۋە-چېۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى سېتىۋېلىش مەسئۇللىرىمۇ نەق مەيدانغا كەلدى، نۇرغۇن سودىگەر تۇنجى قېتىم تۇرپاندىكى ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلارغا كېلىپ بىۋاسىتە سېتىۋالدى. تۇرپان شەھەرلىك باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى تۇڭ جېنرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىللىق پائالىيەتكە كونا-يېڭى سودىگەرلەر جەم بولدى، بازارنىڭ تەسىر دائىرىسى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغىچە كېڭەيدى، نەق مەيداندا 105 مىڭ توننا زاكاز كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، پۈتۈن يىلدا 500 مىڭ توننا يېڭى ئۈزۈم سېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياخشى باشلىنىش بولدى.

   ھازىر تۇرپان «شېرىن بۇيلۇق» ھەرىكەت پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «رەقەملىك ئۈزۈمچىلىك كەسپى چوڭ مېڭىسى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ. تۇڭ جېنرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، تۇرپان بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش دائىملىق ئالاقىلىشىش توپى قۇرۇپ، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىگە ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئۈزۈمىنىڭ پىشىش سۈرئىتى، مال بىلەن تەمىنلەش ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت يوللايدۇ؛ ئۈزۈمنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېۋە-چېۋە سۈپىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى قوغدايدۇ؛ سوغۇق زەنجىر، ئامباردا ساقلاش ھەم سودىگەرلەر يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى، مەملىكەت سىرتىغا بولغان قوش يۆنىلىشلىك سېتىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تۇرپاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈمىنى شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تېپىش، مەملىكەت سىرتىدا سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەتتە تۇرپان ئۈزۈمىنى توردا سېتىش پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسى ماس قەدەمدە باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن تاراتقۇدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مېۋە-چېۋە ئېكسپورتى مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ سۈپەتلىك ماركىسىنى تارقىتىش يوللىرى ۋە سېتىش يوللىرى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.