تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

دۆلەت دەرىجىلىكتىن يەنە بىرى كۆپەيدى  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ 22 تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى دۆلەت دەرىجىلىك ئېتىراپنامىدىن ئۆتتى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى، خەۋىرى، فوتوسى) «يېشىل مەھسۇلات دەپ ئېتىراپ قىلىنغان لازىنىڭ باھاسى ئادەتتىكى لازىنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولۇپ، بىر مو يەرنى ھېسابلىغاندا كىرىمىمىز خېلى كۆپ ئاشىدۇ.» دېدى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق مىللىتى يېڭى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ سۇچىن.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق مىللىتى يېڭى كەنتىدە سەۋزە يىغماقتا.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق مىللىتى يېڭى كەنتىدە سەۋزە يىغماقتا.

    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى (يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ رايوندىكى 22 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزىنىڭ 2026-يىللىق يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئېتىراپنامە بېرىلگەن مەھسۇلاتلار چەيزە تۈرى، يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تۈرى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 35كە يېتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى يېشىل يېمەكلىكلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %35.5ىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق مىللىتى يېڭى كەنتىدە لازا يىغماقتا.

 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۆكتات سودىگەرلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق مىللىتى يېڭى كەنتىدە لازا قاچىلىماقتا.  

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.