7-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى سەنتەي بازىرىدىكى كىچىك سەنتەي جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ياز پەسلىدىكى مەنزىرىسى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىيانشان تاغ تىزمىسى تار جىلغىلارنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، قاتمۇقات تاغلار قارىماققا تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، دەريا جىلغىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار كەتكەن شەمشادلار ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قارامتۇل يېشىل رەڭلىك قارىغايلار ئېگىز ئۆسۈپ تاغنى بويلاپ يىراقلارغا تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەممەت يەردە يېشىللىق ھەم ھاياتىي كۈچ ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
تاغ جىلغىسىدىكى كەڭ ھەم تەكشى كەتكەن تەبىئىي چىملىقنىڭ چېتى يوق بولۇپ، تاغ-دالىلارنى قاپلىغان ئوت-چۆپلەر كۆز يەتكۈسىز دالىنى يېشىللىققا پۈركىگەنىدى، توپ-توپ قوي-كالىلار بەخىرامان ئوتلاۋاتقان، ئاق رەڭلىك كىگىز ئۆيلەر يايلاق، ئورمانلار ئارىسىدا جىمجىت «ياتقان» بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاقتىكى قويۇق چارۋىچىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. تاغ-جىلغىلار ئارىسىدىكى سۈزۈك ئېقىن كۆك تاش جىلغىسى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئېرىق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ، جىمجىت تاغ-جىلغىلارغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغانىدى.
قويۇق ئورمان، يېشىل ئوت-چۆپ، سۈزۈك ئېقىن ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە مەنزىرىسى تولۇق بولغان شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغ-جىلغىلىرىدىكى پادىچىلار ناخشىسى ياڭراپ تۇرغان سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى. شۇ جاي باشتىن-ئاخىر دەريا-جىلغىلارنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي يايلاقنى ئىلمىي باشقۇرۇپ ۋە قوغداپ، ئۆزگىچە چارۋىچىلىق كەسپىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاغ-دالىدىكى ئەۋزەل ئېكولوگىيە بايلىقىنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان «دەسمايە»گە ئايلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەسى گۈزەل، چارۋىچىلىق كەسپى گۈللەنگەن، ئولتۇراقلىشىشقا ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق ھەم گۈزەل بولغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەنزىرىسى تەدرىجى نامايان بولدى.
(جىمىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋېي پىڭ، ئىنكار جۇماغول، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ شىنخاۋ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






