
تومۇز كۈنلەردە مۇزدەك يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئاشقازاننىڭ «تارتىشىپ» قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئاشقازان شىللىق پەردىسى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا شىددەت بىلەن تارىيىپ، ئاشقازاننىڭ تارتىشىپ قېلىشى كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدا ئاشقازان تۇرۇپ-تۇرۇپ قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ. مۇزدەك سۇ ئىچكەندە، مۇزدەك تاۋۇز ۋە ماروژنى يېگەندە دائىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازاندىكى قان تومۇرلار تارايغاندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، يېگەن نەرسىلەر ئاشقازاندا تۇرۇپ قېلىپ ھەزىم بولمايدۇ. تومۇز كۈنلەردە ئىسسىقنى ياندۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرا 20-10 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش، ماش شورپىسىنى سوۋۇتۇپ ئىچىش كېرەك، لېكىن مۇزلىتىشقا بولمايدۇ. يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئاشقازاننى قىينىماسلىق كېرەك.
مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






