تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۇڭ لىيانىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى مۈرە، بويۇننىڭ قېتىشىشىنى ياخشىلايدىكەن، تېزدىن ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرىدىغان دوستلىرىڭىزغا يوللاپ بېرىڭ

ھەر كۈنى كومپىيۇتېرغا قاراپ خىزمەت قىلىپ

دائىم مۈرىڭىز، بوينىڭىز قېتىپ، بېغىشىڭىز تېلىپ ئاغرىۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز؟ 

يېقىندا، تۇڭ لىيانىڭ جياڭشى جىڭدېجېن بازىرىدا

شىنجاڭنىڭ چىنە ئۇسسۇلىنى ئوينىغان سىن كۆرۈنۈشى ئېكراننى بىر ئالدى

دۇم-تاڭ-تاڭ قىلغان داپ ئاۋازىغا ئەگىشىپ

كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى يېيىلدى، سۈزۈك سۇ قاچىلانغان چىنە باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ بېشىدا مۇقىم تۇراتتى

ھەيرانلىقتىن باشقا

سىز بەلكىم

شىنجاڭ ئۇسسۇلىدىكى بۇ بىرنەچچە ھەرىكەتنىڭ

ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن يىغىلىپ قالغان ئۇششاق ئاغرىقلارنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن

视频

تورداشلارمۇ بەس-بەستە ھاياجانلىنىپ

«پاھ، نەچچە چىنىنى بېشىدا كۆتۈرۈۋالسىمۇ ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينىغىلى بولىدىكەن»

«شىنجاڭ ئۇسسۇلىدىن يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇق» دېيىشتى


مەنبە: تۇڭ لىيا ۋىيبوسى

ئەگەر چىنە ئۇسسۇلىنى

ماھارەت ئاساسىنى سىنايدىغان «سەھنە ماھارىتى» دېسەك

ئۇنداقتا يېقىندا ئېكراننى قاپلىغان دوۋيىن قىزىق نۇقتىسى

«داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا جەڭ ئېلان قىلىش»

خۇددى پۈتۈن توردىكىلەر ئوينىيالايدىغان «خۇشاللىق شىفىرى»غا ئايلاندى

ئىشخانا كارىدورى، مەنزىرە رايونى، كوچىلاردا

داپ ساداسى ياڭرىشى بىلەن، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى

ئاددىي ھەرىكەتلەر

جاي-جايلاردىن كەلگەن تورداشلارغا

شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ خۇشاللىقنى ماس قەدەمدە ھېس قىلدۇردى

شىنجاڭ ئۇسسۇلىدا

شوخ، قىزغىن 

ھەممە ئادەم ئەگىشىپ ئىككى قەدەم ئوينىيالايدىغان ئاممىۋى ئۇسسۇل قەدىمى بار

يەنە چىنە ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت بۇنداق ماھارەت ئاساسىمۇ بار

 تەڭپۇڭلۇق ۋە جەلپكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنئەنىۋى ماھارەت

گاھ جۇشقۇن، گاھ سىلىق، گاھ قىزىقارلىق، گاھ سالماق بولۇپ

ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس جەلپكارلىققا ئىگە

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى «گۈلىنىڭ ئۆيى»دە، ئارتىس مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا

بۇ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى قولىنى كۆتۈرسىلا مەشىق قىلغىلى، يەنە پەينىمۇ بوشاتقىلى بولىدىغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ

 شىنجاڭ ئۇسسۇلىدىكى بۇ بىرنەچچە ھەرىكەتنى

ھەر ۋاقىت ئىككى مىنۇت مەشىق قىلسىڭىزلا

مۈرە، بويۇن، بېغىش، پۇتىڭىزنى

بوشىتالايسىز

ئۇسسۇلنى تولۇق ئۆگىنىشىڭىز ھاجەتسىز

بويۇن ئېتىش

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

    بۇ ھەرىكەت بويۇن، مۈرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇسكۇللارنى جانلاندۇرۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ كۈچىنىش نۇقتىسىنى تەڭشەپ، قېتىپ قېلىش ۋە تېلىپ چارچاشنى پەسەيتىدۇ. بويۇننى ئاتقاندا بىرىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى، بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىيپاش چاسا مۇسكۇلنىڭ ھالىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، بۇ، ئۇزاق مەزگىل ئۈستەلگە يېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان مۈرە-بويۇن مەسىلىسىگە قارىتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

مۈرە ئېتىش

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

    ئايرىم مەشىق قىلغاندا مۈرە ئەتراپ مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، بويۇننى مىدىرلىتىشى تەس بولغان، بويۇن، مۈرىسى قېتىشىۋالغان كىشىلەر توپىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

بېغىشنى ئايلاندۇرۇش

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

    قول بېغىشى جىڭلوسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، يان تېلېفون ئويناشتىن كېلىپ چىققان پەي غىلىپى ياللۇغى، بارماقلارنىڭ قېتىپ قېلىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

قەدەم ئېلىش

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

    پۇتنى ئالدىغا تۈزلەش، كەينىگە سەل ئېگىش ھەرىكىتى «قارشىلىققا قارشى ئاستا ھەرىكەت» بولۇپ، يوتا تۆت باشلىق مۇسكۇلنى كۈچەيتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇق كۈچىنى مەشىقلەندۈرۈپ، سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇتنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شوئار كوچىسىدا، ئارتىس تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

بۇنى تېزدىن

يېنىڭىزدىكى دائىم ئۇزاق ئولتۇرىدىغان دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ

ھېرىپ قالغاندا ئەگىشىپ ئىككى رەت ئوينىسۇن

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.