تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 7-ئايدا ئۇدا ئىككى قېتىم قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق ۋە قىيان گىرەلىشىپ كەتتى، ھاۋا رايى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇرەككەپ بولىدۇ؟

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

   7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 16دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى دەرىجىسىنى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى دەرىجىسىگە ئۆستۈردى، بۇ، 7-ئايدىن بۇيان شىنجاڭ ئېلان قىلغان 2-قېتىملىق قىزىل رەڭلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى شىنجاڭ 2022-يىلىدىن كېيىنكى تۇنجى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قۇرغاقچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى.

   7-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرىدا قىسقا ۋاقىت كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈپ، ئىككى سائەتتە ياغقان يامغۇر 30 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى جىددىي قىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش كۆك رەڭلىك سىگنالىنى تارقاتتى.

   قىزىل رەڭلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قۇرغاقچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلدى، شىنجاڭنىڭ ھاۋا رايى نېمە ئۈچۈن بۇنداق زىددىيەتلىك بولىدۇ؟ مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لى رۇچىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى لوگىكىنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

   قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش نېمە ئۈچۈن چېكىگە يەتكەن تېمپېراتۇرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؟

   7-ئاينىڭ باشلىرىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا جەريانىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق، تەسىر دائىرىسى كەڭ. لى رۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئەسلىدە 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا 7-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭ بىر مەيدان مۆلچەردىكىدىن ئۇزاق بولغان «ئىسسىق سىناق»نى باشتىن كەچۈرۈۋېتىپتۇ.

   «قىزىل رەڭ» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ، نۇرغۇن كىشى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. لېكىن لى رۇچى ئالاھىدە ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش ھاۋا رايىنىڭ چوقۇم ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر چەك قىممەت ئۆلچىمى. «تۇرپاندىن باشقا يەردە، تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئۆرلىسىلا، قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلىدۇ. شۇڭا چەكتىن ئېشىش-ئاشماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق». ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشتە رېكورتنى بۇزغان-بۇرمىغانلىقىغا ئەمەس بەلكى سىزىقتىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىگە قارىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا ئايرىم نۇقتىلاردا يەنىلا ئېكسترېمۇم قىممەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

   بۇ قېتىمقى دەھشەتلىك ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ مەنبەسى ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىدا. لى رۇچى مۇنداق چۈشەندۈردى: ئىراننىڭ سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى شىمالغا كۆتۈرۈلۈپ شىنجاڭنى كونترول قىلىدۇ، بۇ غايەت زور ئىللىق يۇقىرى بېسىم سىستېمىسى خۇددى غايەت زور «ئىسسىق ئەگمە تورۇس»قا ئوخشاش شىنجاڭ ئاسمىنىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يۆتكىلىشى ئاستا بولۇپ، ھەم ئىسسىق ھاۋانى رايون ئىچىگە مەھكەم قاپلايدۇ، ھەم سوغۇق ھاۋانىڭ كىرىشىنى توسۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا ياز پەسلىدە كۈندۈز ئۇزۇن، كېچە قىسقا، كۈن نۇرى يېتەرلىك بولغاچقا، ئويمانلىق يەر شەكلى ئىسسىقلىقنى سىرتقا تارقىتىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، كۆپ خىل ئامىللار گىرەلىشىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا سىجىل تۇرۇۋېلىپ يانمايدۇ.

   ھەر يىلى يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى شىمالغا كۆتۈرۈلۈپ شىنجاڭنى مۇقىم كونترول قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان كۈن نۇرى ۋە يەر شەكلى شارائىتى ماسلاشقاندىلا، ئاسانلا مۇشۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئىسسىق» ھاۋا شەكىللىنىدۇ.

   يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاقچىلىق بىلەن قارا يامغۇرلۇق قىيان نېمە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ؟ 

   ھالبۇكى، «ئىسسىق ئەگمە تورۇس» كونتروللۇقىدىكى شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى ئوچۇق ئەمەس. 

   ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، تىيانشاندىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئۇدا يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر، ھەتتا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئونسۇ ناھىيەسىدە ياغقان قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن بۇ يۈزلىنىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن دەلىللىدى. قىزىل رەڭلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تېخى بار، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قۇرغاقچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىمۇ بىكار قىلىنمىغان ئەھۋالدا، تاغلىق رايونلاردا قارا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىپ، قىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىندى− بۇنى نۇرغۇن كىشى «چۈشىنەلمىدى». 

   بۇنىڭغا قارىتا، لى رۇچى ئېنىق چۈشەنچە بەردى: بۇ دەل شىنجاڭدىكى ھاۋارايىنىڭ مۇرەككەپلىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئاچقۇچلۇقى ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىدە. 

   بوشلۇق جەھەتتىن قارىغاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قاپلىغان، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدا ياز كىرگەندىن بۇيان ھۆل-يېغىن سىجىل نىسبەتەن ئاز بولۇپ، «كىلىمات ئۆلچىمى»دىكى ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرغاقچىلىق ھالىتىگە تەۋە؛ قارا يامغۇر ۋە قىيان تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا يۈزبەرسە، قىسقا ۋاقىتلىق ئىنتايىن كۈچلۈك ھۆل-يېغىندىن بولىدۇ، بۇ، «ھاۋارايى ئۆلچىمى»دىكى تاسادىپىي يۈزبەرگەن ۋەقەگە تەۋە. يېڭىلا قارا يامغۇر ياغقان جەنۇبىي شىنجاڭمۇ كىلىمات ئۇقۇمى جەھەتتىن ئومۇمەن يەنىلا قۇرغاق رايون بولۇپ، «بۇ ھەرگىزمۇ يامغۇر يېغىپ بولسىلا قۇرغاقچىلىق بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس». 

  ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، تاغلىق رايونلاردا قارا يامغۇر ھەمىشە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېلەكلەپ قۇيغاندەك قاتتىق ياغىدۇ. شىنجاڭدىكى ھۆل-يېغىن ئەسلىدىلا كۆپىنچە «قىسقا، تەكشى، تېز» تىپقا تەۋە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغلىق رايونلارنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى نىسبەتەن ناچار، سۇ ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا قىيان ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن شەكىللىنىدۇ؛ ھازىرقى قۇرغاقچىلىق ئۇزاق مەزگىل يامغۇر ئاز ياغقانلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇ ئىككى خىل ھادىسە ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ئۆلچىمىدە يۈزبەرسە، ئانچە زىددىيەتلىك بولمايدۇ. 

   مۇرەككەپ ھاۋا رايىغا قارىتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 

   دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، نۆۋەتتىكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. 

   لى رۇچى مۇنداق دېدى: يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئېگىز تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىنى، نۆل گىرادۇسلۇق قاتلامنىڭ ئۆرلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، قار ئېرىگەندىن كېيىنكى كەلكۈننىڭ خەۋپ-خەتىرى زورىيىدۇ، ئۇنىڭغا تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى قىسقا ۋاقىتلىق قارا يامغۇر قوشۇلۇپ، ئارىلاش كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئو ئاپەتنىڭ خەۋپ-خەتىرى يەنىمۇ ئېشىپ، تاغلىق رايوندىكى قاتناش، ساياھەت ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈشىگە بىرقەدەر زور تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. 

   يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭدىكى كېۋەز، ئەتىيازلىق كۆممىقوناق ھەم باغ-ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ئىسسىقلىق زىيىنى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. كېۋەز رايونلىرىدا سۇغىرىش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ يازغى بۇغداي رايونلىرىدا «بىرنى پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش»نى ياخشى ئىشلەپ، دان تۇتۇش مەزگىلىدىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇرغاق ئىسسىق شامال ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك. چارۋىچىلىق رايونلىرى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق چارۋا بېقىپ، ئوتلاقتىكى ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.     

   ئاممىۋى مۇداپىئەگە ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى بىلەن مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىرلىكتە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى، ئامما يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ۋاقىت بۆلىكىدە سىرتقا چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپ قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىشى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلىتىش بۇيۇملىرىنى تەييارلىشى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

   خۇش خەۋەر شۇكى، ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك پەسىيىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.