□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ جەنفېي
يازنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بادەنجىلىن قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە، دۇڭفېڭ ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.
بۇ جاينىڭ تېخىمۇ كەڭ تونۇلغان نامى «جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى». بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىلگىرى، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ ماڭغان شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بۇ جايدىن يولغا چىقىپ، «تيەنگۇڭ» ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىكى كۈرەش قىلىش ئاساسىي نۇقتىسى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىزنىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول.»
بۈگۈنكى كۈندە بىز قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دەل 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەجدادلارنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەدەممۇقەدەم ئۆز قولى بىلەن سالغان پۇختا ئاساستا بارلىققا كەلگەن.
ئاشۇ بىر مەزگىل ئادەتتىن تاشقىرى جاپالىق يىللار ئىدى −
«دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر»نى تەتقىق قىلىپ ياسىغاندا، ئالىملار يېرىم ئاپتوماتىك قولدا ئايلاندۇرىدىغان ھېسابلىغۇچقا تايىنىپ نۇرغۇن ھېسابلاش ۋەزىپىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر ئوربىتىنى توپتوغرا بىر يىل ھېسابلىدى؛ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى تەتقىق قىلىپ ياساش كوللېكتىپى چۆل - جەزىرە، تاغ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىلاردا بازا قۇرۇپ، نامىنى يوشۇرۇپ، سىرت بىلەن بولغان خىزمەتكە توسالغۇ بولىدىغان ئالاقىنى ئۈزدى، بەزىلەر ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى؛ يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «چاڭجېڭ 1 - نومۇر»نى تەتقىق قىلىپ ياساش چېرتيوژ ماتېرىيالى يوق بولۇش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نوپۇزى يوق بولۇش، سىرتنىڭ ياردىمى يوق بولۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ يوق بولۇش» ئاساسىدا باشلاندى...
ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە باشقا بىخەتەرلىكىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلالايمىز. كىرىزىس پەيتىدە، ئەجدادلىرىمىز بەرداشلىق بەردى، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى بەرداشلىق بەردى.
1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چۆللۈكتە غايەت زور پارتلاش ئاۋازى ياڭراپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىدى. 1966 - يىلى 10 - ئايدا، دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا يادرو قورالى قويۇپ بېرىش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى. 1967 - يىلى 6 - ئايدا، تۇنجى ۋودورود بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىلدى. ئاتوم بومبىسىدىن ۋودورود بومبىسىغىچە پەقەت ئىككى يىل سەككىز ئايلا ۋاقىت كەتتى، سۈرئەت ئوخشاش مەزگىلدىكى بارلىق يادرو دۆلەتلىرىنىڭكىدىن تېز بولدى. 1969 - يىلى 9 - ئايدا، دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى.
چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا، 1971 - يىلى 8 - ئايدا، تۇنجى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى پۈتتى ھەم توختىتىش سىنىقى تاماملاندى، 1974 - يىلى 4 - ئايدا سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈش ۋەزىپىسى تاماملاندى، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە 5 - دۆلەتكە ئايلاندى، «يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى 10 مىڭ يىل كەتسىمۇ ياساپ چىقىمىز» دېگەن قەسەم رېئاللىققا ئايلاندى. دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
ئاسمانغا نەزەر سالساق، «شەرق قىزاردى» ناملىق مۇزىكا ياڭراپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسى باشلاندى: 1970 - يىلى 4 - ئايدا، دۆلىتىمىز تۇنجى يەرشارى سۈنئىي ھەمراھى «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى؛ 1971 - يىلى 9 - ئايدا، قىتئەلەر ئارا راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛ 1975 - يىلى 11 - ئايدا، قايتىپ كېلىش شەكلىدىكى يىراقتىن سېزىدىغان تۇنجى يەرشارى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى...
«دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى»دىن باشقا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئاشۇ پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقىمۇ ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ −
بەزگەككە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى بىر خىل دورا چىڭخاۋسۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقىلىپ، دۇنيادا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە نەچچە مىليون كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى؛ دۇنيادا تۇنجى قېتىم كۈچلۈك، ئەۋزەللىككە ئىگە سوقىچاق شالغۇت شالنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، «بىر تال ئۇرۇق دۇنيانى ئۆزگەرتتى»؛ سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى پونكىتى، رەڭلىك تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئۈسكۈنىسى، 3 - ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېرنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، يەنە لازېر نۇرلۇق ئىنفىرا قىزىل نۇر تېخنىكىسى راۋاجلاندۇرۇلدى...
20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى قېتىرقىنىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈردى، ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا، نۇرغۇن كىشى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا جان تومۇرىنى قوغدىدى.
ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خالىس تۆھپە قوشتى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلدى، زور كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدى. «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنىڭ شانلىق نۇرى بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى ھېلىھەم يورۇتماقتا.
يۇلتۇزلارغا نەزەر سالساق، «چاڭئې» ئاينى چارلىدى، «تيەنۋېن» مارسنى تەكشۈردى؛ ئوكيانغا نەزەر سالساق، «شۆلۇڭ» مۇزنى يېرىپ ئىلگىرىلىدى، «فېندوۋجې» چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكتى؛ تۆت ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، گاۋتيې ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى، بېيدوۋ تور شەكىللەندۈردى − نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.
«جۇڭگو قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىشتە چوقۇم پەن - تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم - پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەردانە، جاراڭلىق سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا.
ئاي - يىللار ئۆتۈپ، ۋاقىت ئۆتۈپ، بىپايان چۆل - جەزىرە بوستانلىققا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بىز دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق. تارىخ «يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلغان، نامىنى يوشۇرۇپ كەلگەن» جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاشۇ تۈۋرۈكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، كەلگۈسىدە جەزمەن ھەربىر پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر يېڭى دەۋرنىڭ شان - شەرىپىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)






