تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش: دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستىمىز بار

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ جۇاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىدا، تېرە رەڭگى ئوخشاش بولمىغان، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بىر پارچە سۈرىتى كىشىنى قەدەمنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلاتتى.

«دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستىمىز بار» ناملىق بۇ سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ بو تارتقان بولۇپ، 1959 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگېدا ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ياش دوستلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى خاتىرىلەنگەنىدى. ماۋ جۇشى كەلگەندە، بۇ چەت ئەللىك ياشلار بىردىنلا ماۋ جۇشىنىڭ ئالدىغا ئۇدۇل بېرىپ، ئەتراپىغا ئولىشىپ چۆرىدەپ تۇردى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى.

«جۇڭگو دۇنيادىكى ئېزىلىشكە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى، يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، جاھانگىرلىك، زومىگەرلىك، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، كەڭ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.» چۈشەندۈرگۈچى سۈرەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مۇجەسسەملەنگەن چوڭقۇر مەنانى سۆزلەپ بەردى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 60 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا سوغۇق ئۇرۇش ئەندىزىسىدە، جۇڭگو كۆپ تەرەپتىن كەلگەن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتى، ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھەربىي بېسىمغا دۇچ كەلدى.

ئەينى چاغدا، قانداق قىلىپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش پارتىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىشىنىڭ مەركىزى ئىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن 60 - يىللىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگىچە، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ماۋ زېدۇڭ قايتىدىن «ئوتتۇرا بەلباغ» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا بەلباغ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ دەپ قارىدى: بىر قىسمى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كەڭ ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنە بىر قىسمى ياۋروپا ۋەكىللىكىدىكى جاھانگىر دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى قىسىم ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ تىزگىنلىشىگە قارشى تۇراتتى، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىزگىنلىشىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى يۈزبەردى. «ئوتتۇرا بەلباغ»نى قولغا كەلتۈرۈش، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغانىدى.

جۇڭگو ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مىللەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش ھەرىكىتىنى پائال قوللىدى. 2018 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولغاندا، 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ پاناما خەلقىنىڭ قانالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققانىي كۈرىشىگە قەتئىي مەدەت بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەنىدى. شۇڭا، جۇڭگودا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 16 مىليون كىشىنىڭ نامايىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشى ئاشۇ بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.

جۇڭگونىڭ خەلقئارادا ئېرىشكەن قوللىشىمۇ ئاساسلىقى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن. جۇڭگو زور تۈركۈمدىكى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.

1964 - يىلى جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ، جۇڭگونىڭ غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى.

بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قوراللىق قول تىقىشى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنامغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى، جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ قارشىلىق كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلدى. 1958 - يىلى 8 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ زېدۇڭ جىنمېننى توپقا تۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جياڭ جيېشى گۇرۇھىنىڭ «چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش» دەپ جار سېلىش ھەيۋىسىگە ۋە ئامېرىكىنىڭ «ئىككى جۇڭگو» پەيدا قىلىش غەرىزىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەيدانى ۋە ئىرادىسىنى كۈچلۈك بىلدۈردى. 1965 - يىلى باشلانغان ۋيېتنامغا ياردەم بېرىپ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت قورقماس روھىنى نامايان قىلدى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇش كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيەسى ئۆزىنى «ئاكا پارتىيە» دەپ ھېسابلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزىنىڭ سوۋېت - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور بېسىمىغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە پارتىيەنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى.

«بىز تاشقى مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كەڭ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يۆتكىدۇق، بۇ، ئامېرىكىنىڭ قامال قىلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئاچتى، شۇنداقلا يەنە بۇنىڭدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ھۆرمىتى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى» دەپ باھا بەردى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ چاڭۋۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا توپلىغان ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىنىڭ بىرى قىلىندى. تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىز ۋە تەنتەنىلىك ۋەدىمىز.

دەل رەئىس شى جىنپىڭ 2015 - يىلى 4 - ئايدا ئاسىيا - ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنىدا تەنتەنىلىك كۆرسەتكەندەك: «مەيلى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي ھەمراھى بولىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى، ئىلگىرىمۇ ئۆزگەرمىگەن، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.»

يول داغدام. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلساق، بىز چوقۇم دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.