جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى
فۇ پۇيەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى فۇ پۇيەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىنتىزام جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.






