تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ما شىڭرۇيگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ما شىڭرۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «ما شىڭرۇينىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات»ى قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى.

تەكشۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۇي غايە - ئېتىقادى ۋە سىياسىي مەيدانىنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىدىن يۈز ئۆرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ۋە جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىگە يول قويۇپ، بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە باشقۇرماي، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، تەشكىل ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىسىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىدە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن، ئۆزى ھەم ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ تۆۋەن باھادا ئۆي سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن، ھوقۇق - ئىشقىۋازلىق، پۇل - ئىشقىۋازلىق سودىسى قىلغان، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت تەسىرىدىن پايدىلىنىپ زور سوممىلىق نەپ ئۈندۈرۈۋېلىشىغا، ھە دەپ جەمەت بويىچە چىرىكلىشىشىگە يول قويغان، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن؛ ئومۇمىي ھوقۇقنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۆزى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن، مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بارلار بىلەن شېرىكلىشىپ قانۇنسىز ھالدا زور سوممىلىق پۇل ۋە مال ئالغان.

ما شىڭرۇي پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا قويغان سىياسىي تەلىپىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ۋەزىپىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى شەكىللەندۈرگەن ھەم پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن ناچار. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىش ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، ما شىڭرۇيگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى. ئۇنىڭغا بېرىلگەن پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا تولۇقلاپ تەستىقلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.