يېقىندا، شىنجاڭلىق بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ گۇاڭشى خېڭجوۋ شەھىرى جېنلۇڭ يېزىسىدىكى پاتقاق تاغ يولىدا ئاتلىق يۈرۈپ، ئاپەت رايونىغا ماددىي ئەشيالارنى توشۇۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن سانسىزلىغان كىشىنىڭ كۆز چانىقى ياشقا تولدى.
گۇاڭشى بېيخەيدە چەۋەندازلىق كۇلۇبى ئېچىش ئۈچۈن، يېرالى سابىرئەلى خوتۇنى گۈلەيسە جىيېنباي بىلەن ئۆيىدىكى قوي - كالىلىرىنى سېتىپ، ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئارغىماقلارنى شىنجاڭدىن بۇ جايغا يۆتكەپ كەلدى، بۇ ئەلا نەسىللىك ئاتلار ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ گۇاڭشىدا يىلتىز تارتىپ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى بارلىق مال - مۈلكى ئىدى. ھالبۇكى، قىيان يوللارنى بۇزۇۋېتىپ، قاتناشنى ئۈزۈپ قويغاچقا، ئاپتوموبىللارنى تاغقا ھەيدەپ كىرىشكە ئامال بولمىدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى پەقەت ئادەم كۈچىگە تايىنىپ يۈدۈپ پىيادە توشۇشقا توغرا كەلگەچكە، ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى. ئەڭ جىددىي پەيتتە، يېرالى ئەر - خوتۇن تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كۇلۇبىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، باھاسى تولىمۇ قىممەت بولغان ئىلى ئاتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپەت رايونىغا ياردەمگە ئېلىپ بېرىپ، ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ توشۇپ، تاغلىق رايونغا ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتىكى جىددىي قىيىنچىلىقنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.
مۇسابىقىلەردە ماھارەت كۆرسىتىدىغان، قاۋۇل ۋە چاپقۇر ئىلى ئاتلىرى بۇنداق ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىپ باقمىغانىدى. يۈك ئارتىلغان قاتتىق ئۈسكۈنە ئاتلارنىڭ بەدىنىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى، ئاتلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاي بولۇپ كەتكەچكە، ئەسلىدىكى چىرايلىق تۇرقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. يېرالى كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاتلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارغا تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ.» ئۆزىنىڭ مال - مۈلكى، ئۆزىنىڭ ئارغىماقلىرىغا نەدىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدىغان ئىش بولسۇن؟ لېكىن ئۇلار بارلىق دەسمايىسىنى ئىشلىتىپ، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە رازى بولدى، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمىدى، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشمىدى. مانا بۇ شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ساپ، سەمىمىي خىسلىتى.
كامېرا ئالدىدا خوتۇنى گۈلەيسە مۇنداق دېدى: «كۇلۇبىمىزدا ۋاقتىنچە تېخى تىجارەت باشلىمىدۇق، ھېچقىسى يوق، پەقەت ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى كىشىلەر ئامان - ئېسەن، ساق - سالامەت بولسىلا، كېيىنكى يوللىرىمىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» ئېرى يېرالىنىڭ «كۆپچىلىك ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك» دېگەن بىر جۈملە سۆزى پۈتۈن توردا ئالقىشلىنىپ كۆپلەپ تارقىتىلدى. بۇ سۆزلەر ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى مىللەتلەر قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت داۋلىنى ھەقىقىي، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
كىشىنى ئوخشاشلا تەسىرلەندۈرگىنى يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۇلارغا «يەتكۈزگەن» ئىللىق مېھىر - مۇھەببىتى بولدى − كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى ئۆستۈرگەن خولۇڭگونى ئەكىلىپ، ھېرىپ كەتكەن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەنگە سەل ئارام ئېلىۋېلىشنى ئېيتتى؛ بەزى بالىلار تاۋۇزنى ئاتلارنىڭ ئاغزىغا تۇتۇپ، بۇ تىلسىز «تۆھپىكار»لارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ يەنە كۆپلىگەن تورداش ئىنكاس رايونىدا ئۇلارنىڭ چەۋەندازلىق كۇلۇبى تىجارەت باشلىغاندا، چوقۇم بېرىپ كارتا بېجىرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئاپىرىپ بېرىش بىلەن ئىللىقلىق بېغىشلاش، ياردەم بېرىش بىلەن ھۆرمەتلەش باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىدەك چۈشىنىدىغان قوش يۆنىلىشىك ئاتلىنىش بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلغان، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىدىغان جانلىق ھالەتنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
كەلكۈن يوللارنى بۇزۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تومۇرداشلىق رىشتىنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ؛ تۈمەن چاقىرىملىق تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ. بوران - چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى باشتىن - ئاخىر بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولدى، بىر - بىرىگە زىچ تاياندى، بۇ دەل بىزنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى ئىشەنچىمىز ۋە كۈچىمىز.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






