□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. لى شۇەي توپتوغرا بىر كۈن سىرتتا «مىخ»تەك تۇرۇپ، مۇنارسىمان باكلارنى چۇۋۇش مەشغۇلاتىنى كۆزەتتى.
لى شۇەي جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نېفىت ئايرىش 2 - بۆلۈمىنىڭ ئۈسكۈنە تېخنىكى. يېقىندا، قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشنى كۈتۈۋالدى، لى شۇەي ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بېسىم قاچىسى، بېسىم تۇرۇبىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشقا مەسئۇل بولدى.
2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن لى شۇەي ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
2018 - يىلىدىن بۇيان، لى شۇەي قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئۈچ قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشىغا قاتناشتى. 1 - قېتىم داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىگە پىراكتىكا قىلغىلى بارغاندا، دەل قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشىغا توغرا كېلىپ، ئوقۇتقۇچىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەندى؛ 2 - قېتىملىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشتا، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىغا مەسئۇل بولدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ بېسىم قاچىسى ۋە تۇرۇبا يولىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشقا ئۆزى يالغۇز مەسئۇل بولدى. خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، لى شۇەي قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئەستايىدىل ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، زىممىسىدىكى يۈك بارغانسېرى ئېغىرلىدى. «پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل ياشلىقىمنى قەدىرلەيمەن. ئىش ئورنىدا ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ زور ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ» دېدى ئۇ.
2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن ياڭ شىڭمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان ساۋاقداشلارنىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياڭ شىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىنجاڭ نېفىتلىكى لۇلياڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىغا بېرىشنى تاللىدى. خىزمەت قىلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، ياڭ شىڭ قۇملۇقتىكى بىر قۇدۇقنىڭ گېئولوگىيە تەتقىقاتىغا مەسئۇل بولۇشتىن تەدرىجىي بىر رايون بۆلىكىگە، يەنە پۈتكۈل مەشغۇلات رايونىغا كېڭىيىپ، شىنجاڭ نېفىتلىكى لۇلياڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى.
«گەرچە خىزمەت ئورنۇم قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسىمۇ، لېكىن بۇ كەسپىي ئالاھىدىلىكىمنى ئەڭ جارى قىلدۇرالايدىغان جاي» دېدى ياڭ شىڭ.
لۇلياڭ نېفىتلىكى يېڭى ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ تۇنجى قۇرۇقلۇقتىكى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك تەييار قۇملۇق نېفىتلىكى بولۇپ، قاراماي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 240 كىلومېتىر كېلىدۇ، 2001 - يىلى رەسمىي ئېچىپ قۇرۇلغان. «20 نەچچە يىل چارلاش، ئېچىش ئارقىلىق، لۇلياڭ نېفىتلىكى كونا نېفىتلىك بولۇپ قالدى، تەدبىر قوللىنىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، قېپقالغان نېفىتنى قېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى ياڭ شىڭ.
بىر ئادەم بىر چوغ، بىر توپ ئادەم بىر يانغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايون تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈم يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان 118 ئوقۇغۇچى دائىم ئانا مەكتىپىگە قايتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ھەمبەھرىلىنىش يىغىنىدا «ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىگە كېلىش»تەك ئەسلىي مەقسەت مۇساپىسىنى بايان قىلىپ، مەكتەپداش ئىنى - سىڭىللىرىنى شەخسىي غايىسىنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، كەڭ تۇپراقتا ياشلىق جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
مەكتەپداش ئاكا - ھەدىلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، 2023 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن ياڭ شۇلەن غەربىي شىمال نېفىتلىكىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، ئىشنى پىراكتىكانتلىقتىن باشلاپ، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئىش ئورنىدا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلدى. 2026 - يىلى 1 - ئايدا، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۇ جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىتلىك قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزى تاخې توك بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى تىرانسفورموتور يۈرۈشتۈرۈش 2 - بەنىنىڭ بەنجاڭى بولۇپ، نېفىتلىكتىكى ئەڭ ياش ئاساسىي قاتلام بەن - گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بۇ يىل يەنە «شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالى»غا ئېرىشتى.
يەنە بىر قېتىملىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلدى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى يېڭى بىر قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىشنى، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشنى تاللىدى.
ئۈلگىنىڭ يولىنى كېيىنكىلەر داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ 2026 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىسى شيې گۇاڭيۈ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن غەربىي شىمال نېفىتلىكىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. «قۇملۇق قاقاس بولسىمۇ ئىرادەمنى بوشىتالمايدۇ، قۇم - بوران كۈچلۈك بولسىمۇ ئىرادەم تېخىمۇ كۈچلۈك. ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىپ چېنىقىپ، ياشلىق باھارىم ئارقىلىق كۈرەش جاۋاب قەغىزىنى پۈتىمەن» دېدى شيې گۇاڭيۈ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
شيې گۇاڭيۈ بىلەن بىر قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن خۇاڭ جېڭ شىنجاڭ نېفىتلىكىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى. «غەربىي قىسىمنى تاللىشىم دەل دۆلەت ئېنېرگىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشنى تاللىغانلىق. گەرچە ئاۋاتلىقتىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن بۇ جاي بىپايان، بۇ دەل ياشلىق باھارىمدىكى ئەڭ ياخشى بىلەي» دېدى خۇاڭ جېڭ.
جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە، يېقىنقى بەش قاراردا كېلىشىم ئىمزالاپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئىچىدە، %63ى غەربىي قىسىمدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، %50ى شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، %83ى شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولدى.
ھەر نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتتى. ئۇلار ياشلىق باھارىنى چۆل - باياۋان، قۇملۇقلارغا سىڭدۈرۈپ، غايىسىنى قۇدۇق جازىسىغا پۈتتى. دەۋر ئوخشاش بولمىسىمۇ، ياشلىق باھارى تومۇرداش − ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ھەربىر چىڭ تۇرۇشنىڭ ھەممىسى «چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان بولۇش»نىڭ ئەڭ پۇختا ئىزاھاتى.






