− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (4)
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، سۈن نەن، شاۋ يىبو
«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىغا خاس كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرە، چوڭقۇر دۇنياۋى مۇھەببەت بىلەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك يىغىنچاقلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بۇرۇنلا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە.
بۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش −
بېيجىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا «ياشىسۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» «ياشىسۇن دۇنيا خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» دېگەن زور پىلاكات ئالتۇن رەڭ كاھىشلىق قىزىل تامدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە زىيارەتكە كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى شامالدا جەۋلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىدەك دەۋر ئېقىمىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.
جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلىسەك، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىشىشى سەۋەبىدىن، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب - ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئۆزىنىڭ مەدەنىيلىكى ۋە بەختىنى يارىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئەۋلادمۇئەۋلاد غايىلىك، ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش قىلىش ئارزۇسى بولۇپ كەلدى.
1921 - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر دۇنياۋى نەزەر بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ئېقىمى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش چوڭ ئەندىزىسى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ تارىخىدىن تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىگىلەپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنيا تارىخى چاقىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇشتىن خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ئىلھام بېرىشكىچە؛
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ قىياپەت بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن 183 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى بەرپا قىلىشقىچە؛
دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە...
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو «يەرشارى تەۋەلىكىدىن ھەيدىلىش» خەۋپىگە دۇچ كېلىشتىن بىراقلا ھالقىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كۈچى، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئارقىلىق چاقىرىق قىلىش كۈچىگە تېخىمۇ ئىگە بولغان مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، دۇنيا ئەندىزىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە.
بۇ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش خەرىتىسىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش −
تارىخقا نەزەر سالساق، غەرب دۆلەتلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇش پويىزىغا ئالدى بىلەن چىققاندا، «زامانىۋىلاشتۇرۇش دەل غەربلىشىش دېمەكتۇر» دېگەن خام خىيال بىرمەھەل ئەۋج ئالغان، «تارىخ ئاخىرلىشىش تەلىماتى»مۇ بىرمەھەل شاۋقۇن - سۈرەن پەيدا قىلغانىدى. ھالبۇكى، تارىخ بىلەن رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قارىماي غەربنىڭ ئەندىزىسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەندە، «جەنۇبنىڭ جۈزىسىنى شىمالدا ئۆستۈرگەن»گە ئوخشاش تىراگېدىيەنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەتتا «بېقىندىلىق توزىقى»غا چۈشۈپ قالىدۇ.
«زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ ئەسلىدىنلا مۇقىم ئەندىزىسى يوق، ئۆزىگە ماس كېلىدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، ھەممە نەرسىنى زورلاپ بىر ئەندىزىگە سېلىشقا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ بولغان چوڭ تارىخ قارىشى بىلەن چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش تىرىشچانلىقىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك.»
غەربنىڭ كاپىتالنى مەركەز قىلىش، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش، ماددىچىلىق كېڭىيىش، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ تالان - تاراج قىلىشتەك زامانىۋىلاشتۇرۇش كونا يولىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچتى.
نوپۇس كۆلىمى غايەت زور بولغان، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان... جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەم تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان، ھەم مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاشۇ دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى يېپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويدى، كۆلىمى ھازىرقى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان دەۋر ئېقىنىغا ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بولغان شانلىق كۆرسەتمە −
يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق بارغانسېرى گىرەلىشىپ كەتتى، توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش بىرى پەسەيسە بىرى كۆتۈرۈلۈپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن، بەلكى كۆپەيمەكتە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قەيەرگە بېرىشى كېرەك؟ بىز ئەۋلادلار ئۈچۈن قانداق كەلگۈسىنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك؟
دۇنيانىڭ سوئالى، تارىخنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا ۋاكالىتەن قەتئىي جاۋاب بەردى − ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولغان، پاكىز، گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت سۇپىسى قىلىش... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش سىجىل تۈردە ئىنسانىيەتنىڭ زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچى قوشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى، كۆپ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىگە يېزىپ كىرگۈزۈلدى... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جۇڭگو تەشەببۇسىدىن كېڭىيىپ خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى شەكىللەندۈردى.
دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تاللىشىغا باغلىق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل تۈردە ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.
باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولىدۇ −
جۇڭگو تىنچ تەرەققىياتنى ئاساسىي قانۇنغا ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن بىردىنبىر چوڭ دۆلەت. تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن خەلقئارا قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشقىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ كەلدى.
قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەيلى تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي ماڭىدۇ، مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، تىنچلىق قۇياش نۇرى ئارقىلىق ئىنسانلار ياشاۋاتقان پىلانېتانى يورۇتۇشقا مەڭگۈ كۈچ چىقىرىدۇ.
باشتىن - ئاخىر دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى بولىدۇ −
ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ كەلدى. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زور مىقداردىكى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشتىن ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياۋى تەرەققىياتقا يېڭى پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى.
ئالدى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاندىن باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش، پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، جاھاندىكى بارلىق كىشىلەرنى ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشى دەپ بىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرىدۇ.
باشتىن - ئاخىر خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ −
جۇڭگو «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويغان دۆلەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداشتىن يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشقىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.
داغدام يولدا مېڭىش، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقىنى داۋاملىق نامايان قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، بايرىقى روشەن ھالدا دۇنيانىڭ ئورمان قائىدىسىگە چېكىنىشىگە قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدايدۇ.
دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ھالقىدۇق مۈشكۈل داۋانلار ئۈستىدىن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىرادىسىدىن يانماي ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، ئالغا ئىلگىرىلىگەن پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)






