تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ۋە 2026 - يىللىق 2 - پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى​

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ۋە 2026 - يىللىق 2 - پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى سانجى شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشىغا ئاساسەن تۈزىتىش تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ھاۋا سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە «15 - بەش يىل»دىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، مەنبە خاراكتېرلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. «ئۈچ چوڭ قۇرۇلما»نى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى تېزلىتىپ، سانائەت ساھەسىدىكى بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەرلەردىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا دائىر قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بۇلغىمىنى ئىلمىي، دەل جايىدا تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار يەنە قىسمەن كارخانا، تۈر بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېشىل قاتناش قۇرۇلۇشى، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈزەش نەتىجىلىرىنى چۆرىدەپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قەيسەر قېيۇم، ۋەن پىڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.