شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، ساۋ جيايۆ) 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يىغىننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
لىن جيەن مۇنداق دېدى: 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمراھلار، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش». رەئىس شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا بولغان سىياسەت مەيدانى ھەم ئىدىيە، تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ساھەسىدىكى زاتلار ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ بۇ كاتتا مۇراسىمغا ئورتاق قاتنىشىشقا كەڭ تەكلىپ قىلدى.
لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا كوللېكتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش گەۋدىلىنىپ، مىسلىسىز جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، بۇ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم دەۋر تېمىسىغا ئايلاندى.
لىن جيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ سىجىل تۈردە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە «دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ياخشىلىققا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.
«بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا سۇپا ھازىرلاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى يىغىننى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى تارىخىدىكى بىر ئابىدىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى لىن جيەن.






