□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي
بىر نەپىس كىچىك ئۆي ياپيېشىل دەل - دەرەخلەر ئارىسىغا جايلاشقانىدى. كىچىك ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇنىڭ ئاۋازى بۇ جاينى تېخىمۇ جىمجىتلىققا چۆمدۈردى.
كىچىك ئۆيگە ئاستا كىرگەندە، بۇ يەرنىڭ دېرىزىسى يورۇق، ئۆي ئىچى پاكىز بولۇپ، پۈتۈن تامدىكى كىتاب ئىشكاپىغا ئەدەبىيات تۈرىدىكى، تارىخ تۈرىدىكى، پەلسەپە تۈرىدىكى تۈرلۈك كىتابلار رەتلىك تىزىلغانىدى...
بۇ جىمجىت كىتاب ئوقۇش ئۆيى قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى يۈيۈەن باغچىسىغا جايلاشقان. يۈيۈەن باغچىسى خېنەن ياردەم بېرىپ قۇرغان بىر باغچە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئاۋات بازار ئىچىدە، باغچىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بۇنداق تىنچ بىر جاينىڭ بار بولۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
كىتاب ئوقۇش ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، ئۈستەل ئالدىدا بىر ياش جىمجىت ئولتۇرغان بولۇپ، قولىدا «كىشىلىك دۇنيادىكى نەزمىلەردىن ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دېگەن كىتابنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. «مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تىيانشان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىزنالىرى» باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكىنىڭ كېلىشى ئۇنىڭغا دەخلى قىلمىغاندەك قىلاتتى، ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي كىتابتىكى شېئىرىي دۇنياغا غەرق بولغانىدى. ۋاڭ گوۋېينىڭ بۇ ئەسىرىنى زوق - شوخ بىلەن ئوقۇيالىغان كىشى شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر دوست بولسا كېرەك.
بۇنىڭغا ئوخشاش كىتاب ئوقۇش ئۆيىدىن قومۇل شەھىرىدە سەككىزى قۇرۇلغان بولۇپ، ئوخشاشلا خېنەن ياردەم بېرىپ قۇرغان بولغاچقا، «يۈشۇفاڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيى» دەپ ئاتالغان.
خېنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. «كىتابخۇمار قومۇل»نى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، خېنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ «يۈشۇفاڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيى» قومۇل ئاقىل كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويدى، 2023 - يىلى 3 - ئايدا، سەككىز يۈشۇفاڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيى رەسمىي ئېچىلدى. ھەربىر كىتاب ئوقۇش ئۆيىنىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىردىن 150 كىۋادرات مېتىرغىچە، شەھەردىكى ئىستىراھەت مەيدانى، مەكتەپ، مەھەللە، باغچە قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان بولۇپ، «15 مىنۇتلۇق كىتاب ئوقۇش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى.
بۇ كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى ئەدەبىيات، مەدەنىيەت سارىيى بولۇپلا قالماي، يەنە زامانىۋى پەن - تېخنىكا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرۋازىدىن كىرىش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەم بەدىنى تەسىر سىستېمىسىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق APP باشقۇرۇش سىستېمىسى، يېڭىچە ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېزىنفېكسىيەلەش چىرىغىغىچە، بۇ كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرىدە 24 سائەتلىك يىراق مۇساپىلىك كۆزىتىش - باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئاپتوماتىك كىنىشكا بېجىرىش ماشىنىسى بىلەن ئاپتوماتىك كىتاب ئارىيەت ئېلىش - قايتۇرۇش ماشىنىسى كىتاب ئارىيەت ئېلىش - قايتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇردى؛ قەغەز كىتاب، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش ماشىنىسى، بالىلارغا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماشىنىسى، بالىلار رەسىملىك كىتابلىرىنى ئوقۇش ماشىنىسى ھەتتا ئەمالار كىتاب ئوقۇش ماشىنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، قەغەز كىتاب ئوقۇش، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش ۋە ئالاھىدە كىشىلەر كىتاب ئوقۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئېھتىياجغا تەڭ ئېتىبار بېرىلدى.
قومۇل شەھەرلىك كۇتۇپخانا بەرپا قىلغان باش كونترول سۇپىسى ۋە ئايلانما كىتاب ئامبىرىغا تايىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى كىتاب قايتۇرغاندا، خالىغان بىر كىتاب ئوقۇش ئۆيى ياكى قومۇل شەھىرىنىڭ بىر رايون، ئىككى ناھىيەسىدىكى خالىغان بىر كۇتۇپخانىنى تاللىسا بولىدۇ، «پۈتۈن شەھەر بىر تور بولۇش، مۇلازىمەت بىلەن تولۇق قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشىغا زور قولايلىق يارىتىلدى.
«بۇ سەككىز كىتاب ئوقۇش ئۆيىنىڭ بولۇشى كىتابلارنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەرگەنگە باراۋەر. كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ياكى باشقا جايدىكى ئامما توردىلا كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش كىنىشكىسى بېجىرەلەيدۇ، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، ئوقۇش تېخىمۇ قولايلاشتى» دېدى يۈشۇفاڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لو جيا.
ھەر قېتىملىق ئەنئەنىۋى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى يەنە تۈرلۈك كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئائىلىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، شاد - خۇراملىققا تولىدۇ.
جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى بۇ يىل دۇەنۋۇ بايرىمىدا باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، نۇرغۇن ئوقۇرمەن كىتاب ھىدىغا تولغان بوشلۇققا جەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.
قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھالقىسىدا، كۆپچىلىك يۈيۈەن باغچىسىدا ھەر خىل يېڭى گۈل - گىياھ، يوپۇرماقلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، تۇخۇم شاكىلىغا ئاۋايلاپ چاپلاپ، داكا بىلەن ئوراپ، مۇۋەپپەقىيەت، تىنچ - ئامانلىققا سىمۋول قىلىنغان دۇەنۋۇلۇق گۈل تۇخۇم ياسىدى.
قومۇل شەھەرلىك 13 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى لۇ جيايى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى چۈ يۈەننىڭ ھېكايىسى بولدى. «مەن چۈ يۈەننىڭ پەزىلىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئۆگىنىپ، ھەققانىي، ئاق كۆڭۈل ئادەم بولىمەن» دېدى ئۇ.
بۇنداق ئىللىق كۆرۈنۈشلەرنى بەزىدە تېخى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى خېنەنلىك كىچىك دوستلارغا ھەمبەھرىلىگىلى بولىدۇ. قومۇل شەھىرىدىكى سەككىز يۈشۇفاڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيى دائىم سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق، خېنەندىكى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ئاقىل كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى بىلەن بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش، لېكسىيە سۆزلەش، ھۆسنخەت ۋە رەسىم توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئۆيى روھنىڭ ئەركىن ماكانى بولغاچقا، تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە، قومۇل شەھىرىدىكى سەككىز يۈشۇفاڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيى جەمئىي 72 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالدى، 162 مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
قومۇل دەرياسى يۈيۈەن باغچىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەگەر ئېقىن سۇ شەھەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش بوشلۇقىغا بىر ئۈلۈش جۇشقۇنلۇق قوشتى دېيىلسە، ئۇنداقتا، شەھەر رايونىغا تارالغان كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى قومۇل شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا بىر نەچچە ئۈلۈش مەمنۇنلۇق بېغىشلىدى، دېيىشكە بولىدۇ.






