تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭ كۆمۈرىنى تىيانشاندىن چىقىرىش

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سەنتاڭخۇ ۋوگزالىنىڭ يۈك توشۇش مەيدانىدا، لىق كۆمۈر قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. بۇ ۋوگزال جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تاشيول، تۆمۈريول تىرانسپورت كۈچىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش چوڭ يولىنى سىجىل ئېچىپ، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈردى. □ جۇڭ ۋېيلياڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، 2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى كونكرېت تەدبىر.

ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ئېنېرگىيە تاشقى مۇھىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى سىجىل ئاشتى، ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇش دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆۋەن چەك.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يازدىكى ئېنېرگىيە يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر سېتىۋېلىش ۋە تۆمۈريول، پورت كارخانىلىرى قاتارلىق كارخانىلار شىنجاڭغا جەم بولۇپ، كۆمۈر سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ۋە توشۇش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈستىدە كېڭىشىپ، كۆمۈر بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشەنچى بار

كۆمۈر سانائىتىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشى، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى قوغداشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنېرگىيە بايلىقى مول توپلانغان، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بولۇپمۇ مۆلچەردىكى كۆمۈر بايلىق ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40.6ىنى ئىگىلىگەن؛ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى زاپىسى جەمئىي 455 مىليارد 900 مىليون توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا شەرقىي جۇڭغار، قومۇلدا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى، يەككە قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يەتتى، چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان كان قۇدۇقلىرى توپىنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر تەمىناتىدىكى مۇھىم داۋاملاشما جاي بولۇپ قالدى.

2025 - يىلى، شىنجاڭ بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 553 مىليون توننا بولۇپ، 2020 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاندى، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى؛ شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 144 مىليون توننا بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %33.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە تەسىر كۆرسەتتى.

كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كاندىن 63نى قۇردى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %97تىن يۇقىرى بولۇپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ، كۆمۈر − ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچ. «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرچىلىكنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى بايلىق ئاساسى، يول تىرانسپورت كۈچى، سۈپەت ئەۋزەللىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ھەر تەرەپلىمە دەستىلىنىشىدىن كەلگەن» دەپ بىلدۈردى جۇڭگو كۆمۈر توشۇش - سېتىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، باش كاتىپى جاۋ جيەنگو.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قېزىش شارائىتى ئەڭ ئەلا زامانىۋىلاشقان تەييار كۆمۈرلۈك بار، مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر زاپىسى 390 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %7ىنى ئىگىلەيدۇ، «كۆمۈلمە قەۋىتى تېيىز، كۆمۈر قاتلىمى قېلىن، ساقلىنىشى مۇقىم» بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەككە قاتلام قېزىشقا بولىدىغان كۆمۈر قاتلىمى ئەڭ قېلىن بولغاندا 80 مېتىرغا يېتىدۇ، قېزىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 43 مېتىر بولۇپ، 100 مىليون توننا دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان قۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان.

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا زامانىۋىلاشقان 14 كۆمۈر كان قۇرۇلغان، مەملىكەت بويىچە ئۈستى ئوچۇق ئون چوڭ كۆمۈر كاننىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي جۇڭغارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆمۈر ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 260 مىليون توننىغا يېتىدۇ. «ھازىر، دەل يازدىكى ئېنېرگىيە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىن ئۆتۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شەرقىي جۇڭغار چوڭ كۆلەملىك، ئۇزاق دەۋرىيلىك، ئۈزۈلمەيدىغان، كۆزلىگىلى بولىدىغان سىجىل تەمىنات كاپالىتى ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاق كېلىشىملىك تەمىنات كاپالىتى، بازار نەق مال سودىسى، سانائەت مۇتلەق ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال، جىددىي تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان زاپاس كۆمۈر قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلالايدۇ.» 2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسى . شەرقىي جۇڭغار مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىدە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مېڭ شيەنمىن مۇنداق بىلدۈردى: شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى «ئېغىر يۈك تۆمۈريولى ئاساس، يېپىق كارىدور قوشۇمچە قىلىنغان، تاشيول تورى ئارقىلىق ئورۇن تولۇقلايدىغان» تاشيول - تۆمۈريول كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى تورىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، كۆمۈر ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنى ئىشەنچلىك خاتىرجەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كېلىشىم ئىمزالانغان ھامان، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى تۈر باشقۇرغۇچى سەپلەپ، زاكازلاشقان كۆمۈر تەمىنلەش لايىھەسىنى 24 سائەتتە چىقىرىپ، بارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنى بىر پونكىت شەكلىدە ۋاكالىتەن بېجىردى.

شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش

مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر تىرانسپورت شەكلىدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، تاشيول - تۆمۈريول، تۆمۈريول - سۇ يولى، تۆمۈريول - دېڭىز يولى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا قويۇپ، قومۇل شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇشتەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جۇڭگودىكى ماي تەركىبى مول كۆمۈر ماكانى . يىپەك يولى ئېنېرگىيە يېڭى تۈگۈنى» خاس كەسىپ نام كارتىسىنى يارىتىدۇ. «2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، بىز قومۇل كۆمۈر كەسپى تەرەققىيات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، كۆمۈرنى سىرتقا توشۇشتىكى 12 ئالتۇن يولنى ئېلان قىلىپ، قومۇل كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاشيول - تۆمۈريول، تۆمۈريول - سۇ يولى بىرلەشمە تىرانسپورت چوڭ يولىنى تۇتاشتۇرۇپ، قومۇل كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنى پۈتۈن مۇساپىلىك راۋانلاشتۇرۇش، تولۇق نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈر مەنبەسى مۇقىم، توشۇش كۈچى يېتەرلىك، يول راۋان، تېجەشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردۇق» دەپ بىلدۈردى قومۇل شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جوۋ فاڭ.

بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاشقا ئالاقىدار 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا گەنسۇ ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، چۇڭچىڭ شەھىرى، سىچۇەن ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خېبېي ئۆلكىسى ھەم شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن ئىبارەت. 12 ئالتۇن يول ۋە قۇرۇقلۇق پورتى تۈگۈنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قومۇل كۆمۈرىنى توشۇشتا كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يادرولۇق ئىستېمال بازىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ، كۆمۈرنى سىرتقا سېتىش دائىرىسى غەربىي شىمالدىن تەدرىجىي ھالدا خۇاجۇڭ، خۇادۇڭ، غەربىي جەنۇب ھەم شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى بازارلىرىغىچە كېڭىيىدۇ.

شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى پاي قوشۇپ قۇرغان خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى 2019 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 60 مىليون توننىغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇرۇھنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى يەنە گەنسۇ ليۇگوۋ ۋە مىڭشۇي، نىڭشيا نىڭدۇڭ، سىچۇەن گۇاڭيۈەندە ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدىن تۆتنى قۇردى. «گەنسۇ ليۇگوۋ ۋە مىڭشۇيدىكى بازا قۇرۇلۇپ بولدى، نىڭشيا ۋە سىچۇەندىكى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، تۆت چوڭ بازا تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆمۈرنىڭ يىللىق ئوبوروت كۆلىمى 150 مىليون توننىغا يېتىدۇ» دېدى گۇاڭخۇي خۇيشىن (چېڭدۇ) ئېنېرگىيە سېتىش چەكلىك شىركىتى غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شياۋيۈن.

نىڭشيا جىشۈ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش لىنىيەسىنى ئەڭ بالدۇر ئاچقان كارخانىلارنىڭ بىرى. 2023 - يىلى، شىركەت نومدىن شىزۇيشەنگىچە بولغان شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش لىنىيەسىنى ئېچىپ، يىلىغا 3 مىليون توننا كۆمۈر توشۇدى. «باۋتوۋ - لەنجوۋ تۆمۈريولى، بېيجىڭ - شىزاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىزۇيشەن شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شۇ جاينىڭ يىللىق كۆمۈر ئېھتىياجى 30 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى يىلدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىدىن 1000نى سېتىۋېلىپ، توشۇش كۈچىنى 10 مىليون توننىغا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدۇق» دەپ بىلدۈردى نىڭشيا جىشۈ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يەن گاڭ.

شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئوبوروت يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، خۇاڭشى شىنگاڭ پورت پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا ئۇدۇللىشىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ بايلىق ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېپيېڭى سۇ يولى - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى يېڭى يولىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. «شىنجاڭ كۆمۈرىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پورتقا توشۇشنى تۆمۈريول ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى ئارقىلىق خۇاڭشى شىنگاڭغا ئۇلاپ يەتكۈزۈپ، خۇاڭشى شىنگاڭنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە پورت بولۇش ئەۋزەللىكىگە، كۆپ مىقدارلىق تاۋار بويىچە كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تۈگۈن پورتى بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ خۇاجۇڭنىڭ ئىچكىرىسى، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى شەھەرلەر توپىغا تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ۋە تەمىنلەش ئەۋزەللىكىنى ئۆستۈرىمىز» دەپ بىلدۈردى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن يې.

شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش چوڭ يولىنى كېڭەيتىش

يېقىندا، ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ <15 - بەش يىل> لىق يىرىك پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)دا 2030 - يىلى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «يىرىك پىلان»دا كۆمۈرنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولى كۈچەيتىلدى، كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بازىسىدىن بەشنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، 2030 - يىلى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بەش چوڭ بازا سەنشى، مېڭشى، مېڭدۇڭ، شەنبېي، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «كۆمۈرنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بەش چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئادەتتە تەڭشىيەلەيدىغان، ئىشلەتكەندە توشۇپ چىقىرالايدىغان، جىددىي پەيتتە تەمىنلىيەلەيدىغان بىخەتەر ئېنېرگىيە كاپالىتى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئېنىقسىزلىققا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىمىز» دەپ چۈشەندۈردى جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى فۇ جيەنخۇا.

قومۇل كۆمۈر كەسپى تەرەققىيات يىغىنىدا، جۇڭگو كۆمۈر توشۇش - سېتىش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ليۇ جىجياڭ «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى شىنجاڭ كۆمۈر بازىرى ۋە شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش توغرىسىدا تەھلىل» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. «ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىستېمال ئېغىرلىق مەركىزى سىجىل غەربكە يۆتكىلىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن <غەربىي قىسىم كۆمۈر ئامبىرى> دېگەن نامى بار بولۇپ، دۆلەتنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى يادرولۇق رايون. شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ تەمىنات كاپالىتى ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە كۆمۈرنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت بىر تاختا شاھماتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى» دەپ بىلدۈردى ليۇ جىجياڭ.

شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېچىش شارائىتى ئەۋزەل، قېزىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن قېزىش شارائىتىنى ھازىرلىغان. ليۇ جىجياڭنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۆلچەرلىشىچە، 2030 - يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 700 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش كۆلىمى سىجىل ئېشىپ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىدىكەن.

ئېنېرگىيە تەرەققىياتى بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «يىرىك پىلان»دا يەنە شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا «بىر ئوق، ئىككى قانات، كۆپ خىل تۇتاشتۇرۇش» يول ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر ئوق لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنى؛ ئىككى قانات ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىمالىي قانات لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى، جەنۇبىي قانات گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنى؛ كۆپ خىل تۇتاشتۇرۇش «تورلاشتۇرۇش، تورنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، يۈرۈشلەشكەن يىغىش - تارقاقلاشتۇرۇش - توشۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ يولنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«<15 - بەش يىل> مەزگىلىدە، كۆمۈر ئېچىش مۇھىم نۇقتىسىدا شىنجاڭ رايونىغا يۆتكىلىش ئەندىزىسى نامايان بولىدۇ. ئەگەر ئىمپورت قىلىنىدىغان كۆمۈر تەمىنات مىقدارى يەنىمۇ ئازايسا، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سۇ يولى ئارقىلىق توشۇش دېڭىز بويى، دەريا بويى بازارلىرىغا تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئايلىنىدۇ» دەپ بىلدۈردى جۇڭگو تۆمۈريولى ئىقتىسادىي يىرىك پىلان تەتقىقات ئورنى تىرانسپورت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇا.

ھازىر، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش تۆمۈريول غول لىنىيەسى توشۇش ئەندىزىسىدە، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ھازىرقى توشۇش ئىقتىدارى تەخمىنەن 100 مىليون توننا، لېكىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەپ قويدى، شۇڭا لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىغا زور ئۈمىد باغلاندى. بۇ لىنىيە ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يۈك توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 200 مىليون توننىغا يېتىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى ئالتۇن يولغا ئايلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى قۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش شىمالىي يولىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتكەن گويۈەن جيۇجوۋ (بېيجىڭ) ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2023 - يىلى قومۇلغا ماكانلىشىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى دېڭىز ئارقىلىق توشۇش بازىرىنى ئاچتى، 2024 - يىلى شىنجاڭ كۆمۈرىنى دېڭىز ئارقىلىق توشۇشتىكى شىمالىي تۆت پورت − چىنخۇاڭداۋ پورتى، تاڭشەن پورتى، خۇاڭخۇا پورتى، تيەنجىن پورتى تىرانسپورت يولىنى باشلامچىلىق بىلەن راۋانلاشتۇردى. «نۆۋەتتە، كارخانىمىز جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى بويىدىكى ئۈچ ۋوگزال سۇپىسىدا توشۇش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى، كەلگۈسىدە يەنە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىدىن ئۈچنى مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرۇپ، كارخانىمىزنىڭ شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى يىلىغا 25 مىليون توننىدىن 30 مىليون توننىغىچە ئاشۇرىمىز» دەپ بىلدۈردى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى يەنزې.

شىنجاڭ كۆمۈرى تىيانشاندىن چىقىپ دەريا - دېڭىزلار ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتتى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى مۇقىم قىلىش ئارقىلىق چوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.