− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ھازىر 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشقا پەقەت توققۇز يىل ۋاقىت قالدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى.
دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك» «2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەش كېرەك».
2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانى، شۇنداقلا تاشقى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تەمكىن تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەشتىكى چوڭقۇر تەدبىرى.
ۋەزىيەت كىشىنى ئالدىراتماقتا، بۇرچ مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىنىڭ باشلامچى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىگە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق.
ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇھىم ئېغىزنى ئىگىلەشتە ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش.
«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» «پەن - تېخنىكىنى باھالاش قوماندانلىق تايىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك» «پەن - تېخنىكا ئەخلاقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك».
بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ ئالتە جەھەتتىكى ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدىكى «ئاچقۇچلۇق كالتەك»نى ياخشى يەتكۈزۈشنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ يەردە «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» «مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈندۇر.
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ دەل پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش.
بۇ يىللاردا، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ئىقتىسادنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچقا ئايلىنىشتا دەل پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تاياندى.
بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنى مىسالغا ئالايلى. شاڭخەي ئۇنى ئۈچ چوڭ باشلامچى كەسىپنىڭ بىرى قىلىپ، سىياسەت، كىلىنىكا، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ ئارقىلىق كۆپ ئۆلچەم بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىيوتېببىي دورىگەرلىك پۈتۈن زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، «بىر كىلومېتىر ئىچىدە پۈتۈن زەنجىرلىك بايلىق تاپقىلى بولىدىغان» يېڭىلىق يارىتىش زىچلىقى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى. 2025 - يىلى، شاڭخەينىڭ بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ كۆلىمى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.
كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەمىنلەش بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن - تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، يېشىللاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كەسىپ ئېھتىياجى ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىلا، چوقۇم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرگىلى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
«پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولماسلىق بىز ئىزچىل دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە.» پەن - تېخنىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى قوللىنىشتا. نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش زەنجىرىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇشتا.
دۆلەتنىڭ تېخنىكا يۆتكەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىللاشقان قوللىنىش ھالىتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم يول ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشتە.
«ئىلىم - پەننىڭ كەلگۈسى ياشلاردا.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك».
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلى، دۆلىتىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋاقىت ئېكۋىۋالېنتى 7 مىليون 950 مىڭ ئادەم يىلغا يېتىپ، ئۇدا 13 يىل دۇنيا بويىچە مۇقىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ %80 تۈرىنى 45 ياشتىن تۆۋەن ياشلار زىممىگە ئېلىشتىن بېيدوۋ، ئاينى تەكشۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا قۇرۇلۇشلىرىدا كۆپلىگەن تۈر كوللېكتىپى ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ ئاران 30 ياش ئەتراپىدا بولۇشىغىچە، بارغانسېرى كۆپ ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پەن تەتقىقاتتىكى ئاساسىي قوشۇن ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى.
قانداق قىلغاندا مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئاچقۇچ «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىدىن ياخشى پايدىلىنىش. پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش داۋامىدا ئىشلىتىش، ئىشلىتىش داۋامىدا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئىختىساسلىقلار ئاساسى سالغىلى بولىدۇ.
دۆلىتىمىزنى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئىجتىھات بىلەن ئىزدەنگەن ئارزۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)






