− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (3)
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ ۋېيخەن، شيۇڭ فېڭ، ۋاڭ مىڭيۈ
«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم ھۆكۈمى ھەم 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىشقا بولغان چوڭقۇر خۇلاسە، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان كۈچلۈك جاكارلاش بولدى.
قىزىل قۇياش كۆتۈرۈلسە يوللار يورۇيدۇ. ماركسىزم خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە ئۆز ئازادلىقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش يولىنى يورۇتتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم - لېنىنىزمنى ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش ماياكىنى يورۇتۇپ بەردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ بايرىقىغا يازدى، ماركسىزم جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ماركسىزم «ئوق»ى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت «نىشان»نى قارىغا ئېلىش −
كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ؛ ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. ماركسىزمنى تاللىغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمىدى، ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى، ئۆزگىرىپ باقمىدى، ۋاز كېچىپ باقمىدى.
ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «ئەمەلىيەت، تونۇش، يەنە ئەمەلىيەت، يەنە تونۇش»نىڭ بۇرمىسىمان يۈكسىلىشى جەريانىدا، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتمەكتە.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن چوڭقۇر ئوزۇق ئېلىپ، ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ نېگىزلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچىنى ئۇرغۇتتى −
خېنەن ئەنياڭ يىنشۈدە، خۇەنخې دەرياسى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، چىغىناق - تاغاقنىڭ قالتىسلىقى نامايان بولدى. 2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.
يىنشۈ مۇزېيىغا قەدەم قويۇپ، مىس بۇيۇملار، قاشتاش بۇيۇملار، چىغىناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پارتىيەمىزنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ <يىلتىزى>، بىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ يولىمىز <ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش>».
كوممۇنىزم ئېتىقادى، سوتسىيالىزم ئەقىدىسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1000 يىللىق غايىسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «داغدام يولدا مېڭىش، دۇنيا ئومۇمغا مەنسۇپ بولۇش»نى تەشەببۇس قىلدى؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاقنى ئاساس قىلىش»نى تەشەببۇس قىلدى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بىلەن بارلىق دۆلەتلەر دوستانە - ئىناق ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئىناق ئۆتۈش ئەقىل - پاراسىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناقلىقنى كۆزلەش، قوشنىلار بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈش»نى تەشەببۇس قىلدى... ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭى نەزەرىيە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى.
ماركسىزم ھەقىقىتى دەرىخىنى كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ باراقسان ئۆستۈرۈش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش −
2017 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتتى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى.
جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى تېز ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، مەدەنىيلىك ئېقىنىدىن قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
105 يىل بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، 105 يىل چىن دىل بىلەن ئۆگەندى ۋە چىن دىل بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر ھەقىقەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يىلتىز تارتىپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى ئۈزلۈكسىز تۈردە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچكە ئايلاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ماركسىزم 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلدى.
بىلىش قىلىشنىڭ باشلىنىشى، قىلىش بىلىشنىڭ نەتىجىسى. ماركسىزمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنىڭ كۇتۇپخانىدىكى بىلىم ئەمەس، بەلكى دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورال ئىكەنلىكىدە.
«14 - بەش يىل» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، «15 - بەش يىل» باشلىنىپ، قەدەم ئېلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزمنىڭ مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالمايدىغان، كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىدىغان نەزەرىيە پەزىلىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ.»
«توغرا» نەزەرىيە، «ياخشى» نەزەرىيە بولۇپلا قالماي، بەلكى «ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان» نەزەرىيە، «جانلىق» نەزەرىيە. بۈگۈنكى جۇڭگودا، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەت خاراكتېرىنى تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ماركسىزمنىڭ ئېچىۋېتىش خاراكتېرى ۋە دەۋر خاراكتېرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.
6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجە بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.
«بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىمىز يېنىكلىمىدى، بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلىدى.» يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشتا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي ئاڭلىقلىقى سەگەك ھەم قەتئىي بولدى.
ھەقىقەت مەشئىلى گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتتى.
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، چوقۇم ئۈزلۈكسىز تۈردە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتكىلى بولىدۇ.
كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






