تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ چارۋىچىلىقىغا «جۇڭگو شىنپيەنى» ئورنىتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ

چارۋا نەسلىنى ئەلالاشتۇرغاندا چارۋىچىلىق گۈللىنىدۇ، پۇقرالار بېيىيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇق ئاساس، جەزمەن مىللەتنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇرۇق مەنبەسى بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ گېرىمپىلازما ئۇلىنى پۇختىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا قىلىپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش نىشانىنى چارۋىچىلىق كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش مۇساپىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، گۆش قويى كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «چارۋىچىلىققا دائىر توققۇز ماددا»لىق سىياسەت - تەدبىرگە تايىنىپ، ياخشى نەسىل ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ئۇلىنى سىجىل پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن توققۇزى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 18ى بولۇپ، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن پۇختا يۈكسەلدى. ھازىرغىچە، «چارۋىچىلىققا دائىر توققۇز ماددا»لىق سىياسەت بويىچە جەمئىي ئەمەلىيلەشكەن ياردەم پۇل ۋە يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغى 1 مىليارد 194 مىليون يۈەن بولۇپ، 730 مىڭدىن ئارتۇق باقمىچىلىق تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىگە نەپ يەتكۈزدى، سىياسەت پايدىسى سىجىل قوزغىتىلدى.

كۆپەيمە مىقدار باقمىچىلىقىدىن ئەلا سۈپەتلىك باقمىچىلىققا ئۆزگىرىشكىچە

قوي كەسپى شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تايانچ. مەخسۇس ھەرىكەت بىلەن يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ يەرلىك نەسىل بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يېپيېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ 3 - قېتىملىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قوي نەسلى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. گۇما قىزىل قويى يېڭى بايلىقى دۆلەت چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى ھەم ئېلان قىلىندى؛ ئالتاي قويى قاتارلىق توققۇز يەرلىك قوي نەسلى «دۆلەت دەرىجىلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى؛ خوتەن قويى قاتارلىق 15 يەرلىك قوي نەسلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوي نەسلىنى قوغداش مەيدانى(قوغداش رايونى(دىن يەتتىسى، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوي يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن ئونى قۇرۇلدى. كۆپ تۆللىتىپ كۆپەيتىش تېخنىكىسى كەڭ ئومۇملاشتى، يەرلىك نەسىللىك قويلارنىڭ تۆللەش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى، ئەلا سۈپەتلىك نەسىللەر ھەرقايسى جايلاردىكى باقمىچىلىق تەۋەلىك رايونلىرىدا تەدرىجىي كېڭەيتىلدى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلدى.

2026 - يىلى 4 - ئايدا، شىنجاڭ قويچىلىق گېرىمپىلازمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى نەسىللىك قوي تاللا بازىرى، گۆش قويىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە كۆپەيتىش، تېز يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ماس قەدەمدە ئېچىلدى. گېرىمپىلازمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىدا «يادرولۇق مەيدان + بازا + چارۋىچىلىق ئائىلىسى»دىن ئىبارەت پىشقان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، رايون گۆش قويىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىشتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ياخشى نەسىل يېتىشتۈرۈش ھالقىسىغا سىجىل مايىللاشتۇرۇلۇپ، نەسىلنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇلدى.

«يېڭى بازا ئۆز جايىنىڭ گۆش قويى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يادرولۇق سۇپا ھازىرلاپ بەردى، بىز نەسىلنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، نەسىل مەنبەسى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ، ياخشى نەسىل ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى شىنجاڭ كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ئەن ۋېي.

«ھازىر نەسلى ياخشىلانغان قوي بىر قېتىمدا كۆپ تۆللەيدۇ، قوتاندىن چىقىرىلىش سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېغىرلىقى %18 ئېشىپ، ئالتە ئايلىق بولغاندا ئېغىرلىقى 45 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ھەربىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە يۇقىرى بولدى، باقمىچىلىق كىرىمىمىز خېلىلا ئاشتى» دېدى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى باقمىچى مەمەت ئابلا ھاياجانلانغان ھالدا.

ئاپتونوم رايونلۇق قوي كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇتەخەسسىسى ياڭ خۇيگو مۇنداق بىلدۈردى: يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنىڭ سىجىل تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىپ، شىنجاڭ گۆش قويى باقمىچىلىقى ئاشۇرۇلما باقمىچىلىقتىن ئەلا سۈپەتلىك باقمىچىلىققا ئۆزگەردى، كېيىن يەنە نەسىل ئىقتىدارى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ياخشى نەسىل ئاممىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك كىرىمىنى ئاشۇرۇش كاپالىتىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

بايلىق ئەۋزەللىكىدىن خەلقنى بېيىتىش تىرىكىگە ئۆزگىرىشكىچە

شىنجاڭدا چارۋا، ئۆي قۇشلىرى گېرىمپىلازمىسى بايلىقى مول ۋە كۆپ خىل بولۇپ، ئات، تۆگە، ئىلى غېزى قاتارلىق ئۆزگىچە نەسىل تۈرلىرى سىياسەتنىڭ يۆلىشىگە تايىنىپ تەدرىجىي زورىيىپ، يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندى. جايلار قوغداش بىلەن پايدىلىنىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر بويىچە يۆلەش تەدبىرلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كىچىك دائىرىلىك نەسىل تۈرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى قېزىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تەرەققىيات ئۈنۈمىگە ئايلاندۇردى.

دۆربىلجىن ناھىيەسىدە، «دۆلەت دەرىجىلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن ئېمىل توخۇسى «چېكەتكە تۇتۇش ماھىرى»غا ئايلاندى. بۇ جاي ئېمىل توخۇسىنىڭ چېكەتكىنى ئامراق ئوزۇقى قىلىش ئادىتىگە تايىنىپ، 12 مىڭ ئېمىل توخۇسىنى 30 مىڭ مو يادرولۇق تەبىئىي ئوتلاققا قويۇپ بېرىپ، 15 كۈندە بىر قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش ئەندىزىسى ئارقىلىق بىيولوگىيەلىك چېكەتكە يوقىتىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ھاشارات يوقىتىش ئاساسىدا نەسىلنى قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، خاس چارۋا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىگە تايىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىلى ئېتى مەخسۇس سورت تۈرلىرى بويىچە ئىنچىكە ئايرىپ يېتىشتۈرۈلۈپ، بازار قىممىتى سىجىل ئاشۇرۇلدى؛ تۆگە كۆپەيتىش، پىششىقلاش تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تۆگە كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى؛ ئۆز جايىنىڭ ئۆي قۇشلىرى تۈرلىرى، ھەسەل ھەرىسى تۈرلىرىنىڭ نەسلىنى قوغداش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، كىچىك كەسىپلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆزگىچە باقمىچىلىق توپى شەكىللىنىپ، رايون دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

«باقمىچىلىق ئەندىزىسى بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى، خاس چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ بازىرى مۇقىم بولدى، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا كۆرۈنەرلىك بولدى» ئالتاي ۋىلايىتىدىكى باقمىچى گۇلمىرا تۇسۇپقان ئوچۇق ئېيتتى.

خاس گېرىمپىلازمىغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كەسىپ رىقابەت كۈچى يوشۇرۇنغان. شىنجاڭ يۈن چارۋىچىلىق، ئۆي قۇشلىرى كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى زۇڭفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىمىز زاكاز ھەمكارلىق ئەندىزىسىگە تايىنىپ دېھقانلارغا ھەمتۈرتكە بولۇپ ئېمىل توخۇسىنى ئېكولوگىيەلىك بېقىشنى قانات يايدۇرۇپ، نەسىل قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سىياسەت پايدىسىغا تايىنىپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىچىك دائىرىلىك كەسىپلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى.

ئۆز جايىنىڭ خاس چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، جايلار مەخسۇس نەسىللەرنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشتى.

تەجرىبە ئارقىلىق نەسىل تاللاشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق نەسىل يېتىشتۈرۈشكە يۈزلىنىش

نەسىل يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ يادروسى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش. يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭ نەسىل يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن نەسىل تاللاش بىلەن خوشلىشىپ، دەل جايىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نەسىل يېتىشتۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، سىياسەت قاتلىمىدا پەن تەتقىقاتقا مايىللىشىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئۆز جايىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى نەسىل مەنبەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

ئاپتونوم رايون نەسىل يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى سىجىل بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان نۇرغۇن نەسىل يېتىشتۈرۈش شىنپيەنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوللىنىپ، نەسىل تاللاش، باھالاش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى؛ تۆرەلمە كۆپەيتىش، گېننى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆپەيتىش، ئەي قىلىش سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈردى؛ رەقەملەشكەن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش نەسىل يېتىشتۈرۈش باقمىچىلىقنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قاپلاپ، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نەسىل تاللاش ئىشەنچلىك، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدىكەن، يېتىشتۈرۈلگەن چارۋىلارنىڭ يېتىلىشى ياخشى، تۆللەش مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، باقمىچىلىق ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باقمىچى ما جىنشەن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

شىنجاڭدىكى گۆش قويى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن باشلامچى كارخانا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چارۋىچىلىق - نەسىل يېتىشتۈرۈش كەسپىدىكى بىرىنچى سەپ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ جىنكېن ئاۋچۈن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆپەيتىش شەجەرىسى، نەرسە تورىنى پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، مەركىزىي ئاشخانا دەل جايىدا يەم بېرىش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، گۆش مىقدارى يۇقىرى، كۆپ تۆللەيدىغان، تېز يېتىلىدىغان، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان جىنشىن گۆش قويى يېڭى نەسلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ، كۆپىيىش ئۈنۈمىنى مەنبەدىن ئۆستۈرۈپ، باقمىچىلىق تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك گۆش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۆش قويى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بويىچە نەسىل يېتىشتۈرۈش كەسپى ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

ھازىرغىچە، بۇ كارخانا دېھقان ئائىلىلىرىگە يۈزلىنىپ، مۇلازىمەت ئاساسىنى جەمئىي 18 مىڭ تۇياق ساغلىققا كېڭەيتتى، دېھقان ئائىلىلىرىدە ئومۇمىي تۆللەش نىسبىتى %170كە يەتتى، ئەي بولۇش نىسبىتى %90كە يەتتى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئەۋلاد قوزىلار 30 مىڭ 600 بولۇپ، يەككە قوينىڭ ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرام ئېشىپ، دېھقان ئائىلىلىرى كىرىمىنىڭ جەمئىي 14 مىليون 630 مىڭ يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ چۈەنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: نەسىل مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولۇش تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، گۆش قويى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، پەن - تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ پۇختا تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

سىياسەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشىدە، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق - نەسىل يېتىشتۈرۈش پەن - تېخنىكىسىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يادرولۇق نەسىل مەنبەسى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيتىلىپ، گېرىمپىلازمىسىنى قوغداش، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش، ئاقىل باقمىچىلىق سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

«15 - بەش يىل» يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، شىنجاڭ گېرىمپىلازمىسىنى قوغداش، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ 2030 - يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ چارۋىچىلىق گېرىمپىلازمىسى ئاساسىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.