ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋيى خەۋىرى، فوتوسى) ھاراقنىڭ خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارقالدى، كەسىپ ئارقىلىق شەھەر گۈللەندۈرۈلدى. شىخو شەھىرى سۈپەتلىك يەرلىك مەھسۇلات بايلىقىغا تايىنىپ، ھاراق ئىشلەپچىقىرىش خاس كەسپىگە چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈش، پىۋا، ئۈزۈم ھارىقى، ئاق ھاراق-خاس مېۋە ھارىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق تۈرنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، پەرق ئېتىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان شىخونىڭ «ئۈچ بوتۇلكا ھاراق» (三瓶酒) كەسىپ نام كارتىسىنى بەرپا قىلدى، شۇنداقلا كۆپ خىل ھەم پەرقلىق بولغان ھاراق ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاسلىققا ئىگە ئەۋزەل تىرەك كەسىپكە ئايلاندۇردى.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (شىخو) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ شىيۈ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ھاراق ئېچىتماقتا.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۆ زىيۈ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى شىخو شەھىرىگە كىردى، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر دىققەتنى يەرلىكنىڭ ھاراقچىلىق كەسپىدە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تيەنيۆ زىيۈ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىخو شەھىرى ۋېينياڭ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ شىيۈ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (شىخو) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ھاراق كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى، ئامبار بازىسى، مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شىخو پىۋىسى (شىخو) ۋە ھاراق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، خام ئەشيانى پىششىقلاپ پايدىلىنىش، مەھسۇلات بازىرىنى كېڭەيتىش ھەم كەسىپلەرنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن ئىنچىكە زىيارەت قىلدى.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (شىخو) سانائەت رايونىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە بوشلۇقتىن نەزەر. شىنجاڭ تيەنيۆ زىيۈ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە شىخو شەھىرى ۋېينياڭ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ سانائەت رايونىغا جايلاشقان.
ھەرقايسى ھاراق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مەۋقەنى شىخونىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دەل جايىدا، پەرقلىق تەرەققىي قىلىپ، پەرقلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پىۋا، ئۈزۈم ھارىقى، ئاق ھاراق-خاس مېۋە ھارىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇسابىقە يولىدا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئوخشاش سۈپەتتىكى رىقابەتتىن ساقلىنىپ، تۈرى مول بولغان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، زەنجىرى مۇكەممەل بولغان زامانىۋى ھاراقچىلىق كەسپى سىستېمىسى بەرپا قىلدى. ئالقىشقا ئېرىشكەن ئېسىل شىخو پىۋىسىدىن قويۇق ھەم خۇش پۇراقلىق يەرلىك ئۈزۈم ھارىقىغىچە، ئاندىن تەمى ئۆزگىچە بولغان خاس مېۋە ھارىقىغىچە، شىخونىڭ «ئۈچ بوتۇلكا ھاراق»ىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسىسى خاس ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك ھاراقچىلىق كەسپىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






