تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز جەزمەن تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، دەۋر خىرىسىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.»

دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنى «يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەش»كە چاقىرىق قىلدى.

يېقىنقى زاماندىن كېيىن، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىز كۆپ قېتىم پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتتىن خالىغانچە بوزەك قىلىنىدىغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن بۇ تارىخنى ئەسلەپ، باش شۇجى ئىلگىرى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «يېقىنقى زامان تارىخىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئارقىدا قېلىپ بوزەك بولۇشىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ بىرى دەل پەن - تېخنىكىدا ئارقىدا قالغانلىقىدا.»

پۇرسەتكە ئازراقلا سەل قارالسا قولدىن كېتىدۇ، ئۇنى تۇتالىساق پۇرسەت، تۇتالمىساق خىرىس بولىدۇ.

«پات ئارىدا بارلىققا كېلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىشى بىلەن تارىخىي كېسىشىش ھاسىل قىلىپ، بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىمىزنى تېپىلغۇسىز زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

چەت ئەلدىكى كارخانىچىلار مۇنداق قارىدى: «كەلگۈسى تېخنىكا تەرەققىياتىنى چۈشىنىشتە، مەيلى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى، توكلۇق ئاپتوموبىل ياكى باتارېيە تېخنىكىسى بولسۇن، ھەممىسىدە جۇڭگوغا بېرىپ چوڭقۇر ئىزدىنىشى ياكى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك» «جۇڭگو كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ».

چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىش، ئومۇملۇقنى پىلانلاش، ئاساسنى تۇتۇش.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىكى «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار».

2014 - يىلىلا، باش شۇجى «بەزى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر مۇئەييەن دەرىجىدىكى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى» دەپ كۆرسىتەتتى، «بۇنداق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ساھەلەر يەنە ناھايىتى كۆپ، بىز ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

«يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تېز راۋاجلاندۇرۇش بىزنىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكا رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۇتقا»، 2018 - يىلى، باش شۇجى «ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە» يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

2025 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق كەسپىنىڭ كۆلىمى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، كارخانا ئوتتۇرىغا چىقارغان ئوچۇق كود چوڭ مودېلىنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %30تىن ئاشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «دىققەتنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش» «چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش ۋە چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش»نى تەكىتلىدى، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە يېتەكچىلىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قائىدە توقۇنۇشى ۋە ئەخلاق خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: يېڭىلىق ياراتمىساق بولمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولسىمۇ بولمايدۇ. پەقەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندا، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

«يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ۋە دۇنيا تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بارغانسېرى دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلانماقتا».

ۋەزىيەت كىشىنى ئالدىراتماقتا، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە.

«تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، دەۋر خىرىسىنى كۆتۈۋېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش» بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشىمىزغا جىددىي ئېھتىياجلىق.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش» «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يەتتە ئاساسلىق نىشانىنىڭ بىرى قىلىندى.

دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلەتلىرى رىقابىتى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى جەھەتتىكى رىقابەت.

كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ دەل پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش مېخانىزمىنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىدا، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇشتا، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك.

بۇ يىللاردا، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىدىن ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغىچە، يەنە «مېڭشياڭ» ناملىق ئوكيان بۇرغىلاش - چارلاش پاراخوتىغىچە... بىز يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، مول تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق.

يېڭى مۇساپىدە، «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى، سىياسەت - تەدبىر، مۇھىم ۋەزىپە، پەن تەتقىقات كۈچى، بايلىق سۇپىسى، رايون يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەشكىللەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندە، ئاندىن ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

«ئىگىلەشكە تېگىشلىكى ۋەزىيەت، قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغىنى پۇرسەت.»

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتساقلا، بىز چوقۇم پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.