شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت قاتناشتى.
شىنجاڭنىڭ مول كۆمۈر بايلىقى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى قوبۇل قىلىش ۋە زامانىۋىلاشقان سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.
يەرمەنكە ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، «كۆمۈرنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» باش تېما قىلىنغان، ساھەنىڭ تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپنى ئۆزگەرتىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنېرگىيە مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
يىغىن مەزگىلىدە كۆمۈر سېتىۋېلىش - سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ھەمدە «شىنجاڭ كۆمۈرىنى خېبېيغا يەتكۈزۈش» «شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ۋە توشۇش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» «كۆمۈر بازىرىنى مەخسۇس تەھلىل قىلىش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى، كارخانىلار تونۇشتۇرۇش ۋە خاس مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەخسۇس رايونى ماس قەدەمدە تەسىس قىلىندى. يىغىندىن كېيىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار كۆپ مەيدان كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى.
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك كۆمۈرچىلىك كەسپىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش (تۆمۈريول ئىدارىسى ۋە پورت)، سېتىش، ئىستېمال كارخانىلىرى ھەمدە ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلەر، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يىغىنغا قاتناشتى.






