تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئېسىل ئالاھىدىلىك − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

شانلىق تارىخ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قىلچە تەۋرەنمىدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە.»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئالتە جەھەتتىن چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

ھەرقانداق بىر نەتىجە يارىتىدىغان مىللەت، مەسئۇلىيەتچان پارتىيە ئۆزىنىڭ خاس روھى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.

تارىخقا نەزەر سالساق، نېمە ئۈچۈن پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ تۆت چوڭ ئىشنى تاماملاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ھەم ئاجىز جۇڭگونىڭ قەدەممۇقەدەم ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشى، قۇدرەت تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان قىياپەتتە مەردانە قەدەم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنالىدى؟

ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، دۇنيادا ھېچقانداق پارتىيە پارتىيەمىزدەك بۇنداق كۆپ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئەمەس، بۇنداق كۆپ ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس، بۇنداق كۆپ ئېچىنىشلىق قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئەمەس. نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۈرەش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، قايتا - قايتا تاۋلىنىپ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلىدى؟

«قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلىدى» «خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى» «تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىدى» «تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى» «دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلىدى» «ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلىگەن ئالتە جەھەتتىكى ئېسىل ئالاھىدىلىك چوڭ تارىخ قارىشى، چوڭ دەۋر قارىشىغا سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى جاسارەت بىلەن يارىتىشقا بولغان چوڭقۇر ئوچۇق جاكارلاش.

ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد - ئەقىدىنى چىڭىتىشى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى.

ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا ئېچىلغان زۇنيى يىغىنىدا، «يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلىدى»، بۇنىڭ بىلەن پارتىيەنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلىدىغان يېڭى باسقۇچى باشلاندى؛ پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، پارتىيە ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە قوللاپ، يېڭى ئەمەلىيەت ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى... ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىلىم - پەنگە مۇئامىلە قىلدى، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلدى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى، يولغا قويغىلى بولىدىغان قىلدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا، «توغرا مېڭىپ، راۋان مېڭىپلا قالماي، يەنە مەزمۇت ماڭدۇق، ياخشى ماڭدۇق».

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلدى. بۇ ئىدىيە «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قوللانما.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەت خاراكتېرىنى تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ماركسىزمنىڭ ئېچىۋېتىش خاراكتېرى ۋە دەۋر خاراكتېرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بەرگەندە، ماركسىزملىق ھەقىقەتنى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچقۇزۇپ، ئىدىيە كۈچى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بىر پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ تۈپ مەسىلىسى.

«ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

يېڭى دەۋردىن بۇيانقى بۇ يىللار ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشتىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىمىز، رىقابەت ئىقتىدارىمىز، تەرەققىيات ئىقتىدارىمىز، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقىچە...

ھەر قېتىملىق ئاچقۇچلۇق پەيتتىكى ئاچقۇچلۇق تاللاش «ئىستراتېگىيە جەھەتتە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلغاندا، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىلمىي پىلان تۈزگەندە، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگەندە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور ئۈمىد بولىدۇ» دېگەننى چوڭقۇر ئىزاھلاپ بەردى.

بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. «1 - بەش يىل»دىن «15 - بەش يىل»غىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى.

بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەنى قەدەمگە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

بەش يىللىق يىرىك پىلان كەسىپ پەلەمپىيىگە ئوخشايدۇ، «قەدەممۇقەدەم قەتئىي مېڭىپ، باسقۇچمۇباسقۇچ ئالغا سىلجىتقاندا ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىلەرنى جۇغلاپ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.»

جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭدى، ھەققانىي ئىشلارنى قىلدى، تارىخ ۋە خەلق يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى.

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى چوقۇم تېخىمۇ ئەلا جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.