تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​خەلقنىڭ ساغلاملىق بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى​

خەلقنىڭ ساغلاملىق بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەتقىقات ئورنى، بىرقىسىم تېببىي دورا كارخانىلىرىغا بېرىپ، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، تەتقىق قىلىپ ئېچىش - يېڭىلىق يارىتىش، بازاردىكى سېتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبىخانىسى قاتارلىق سورۇنلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ۋە كارخانىنى تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە سىجىل ئىزدىنىپ، ئۆزگىچە ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەتقىقات ئورنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ئائىت قەدىمكى كىتابلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ئائىت قەدىمكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئايلاندۇرۇش ۋە بازارغا سېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 4 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى بويىچە يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىكىر يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تىرىشىپ كۆپلەپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى جۇڭيى تېبابىتى شۆيۈەنى، ئۇيغۇر تېبابىتى شۆيۈەنىدە، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شۆيۈەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خاسلىقنى كۈچەيتىپ، پەن قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەتراپلىق يېتىلگەن يۇقىرى ساپالىق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن دىياگنوز قويۇش - داۋالاش رايونىغا كىرىپ، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە خاس دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، خاس بۆلۈم قۇرۇلۇشى، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ دوختۇرخانىنى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋارىسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتا تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دورىلارنى ئىجاد قىلىپ ياساش، كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلارنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا ۋە ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ ياخشى تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇشى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

شۈ شيەنيى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.