− شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورايماقتا
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭدىكى زور بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەركەزلىك قاتنىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى، يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە بەسلەشتى، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش «دوستلار چەمبىرىكى»نى سىجىل كېڭەيتتى.
ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم جەڭگىۋار قوشۇن. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، تىجارەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ «كىچىك ھەم تارقاق» بولۇشتىن «كەسپىي ھەم تۈجۈپىلىك» بولۇشقا، «يېڭىچە ھەم كۈچلۈك» بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
مەۋقەنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىگە قويۇش
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنى تۇتاشتۇرۇش
9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ تىيانشان لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى سەيلە لىفىت، قولايلىق ئائىلە لىفىتىنى كۆرگەزمە قىلدى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى تۆت قۇرلۇق ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك تايلاش شەكلىدىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى بازارغا سالدى، يۈنكۇن ۋېيلەي (شىنجاڭ) پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماشىنا ئادەم، ماشىنا ئىت ئويۇنىنى ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭ خېڭيۈەن جۇڭخۇي رەڭلىك باسما ئوراش - قاچىلاش پاي چەكلىك شىركىتى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان تاش قەغەز ئوراش - قاچىلاش ساندۇقىنى كۆرگەزمە قىلدى... نۇرغۇن سودىگەر قەدىمىنى توختىتىپ چۆرىدىشىپ كۆردى، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى.
«بىز ئۈچ چوڭ يادرولۇق مەھسۇلات − (كوئېنلۇن.شۆباۋ) ئاپتوموبىلى، ماي باكى ۋە گاز ساقلاش تۇڭى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى، ھەمدە پات ئارىدا مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانEV- ATV پۈتۈنلەي توكلۇق، ھەرقانداق يەر شەكلى شارائىتىدا ھەيدىگىلى بولىدىغان دالا ئاپتوموبىلى (توكلۇق ATV قۇملۇق ئاپتوموبىلى)نى كۆرگەزمە قىلىپ، كارخانىنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشتىكى پۈتۈن زەنجىرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تولۇق نامايان قىلدۇق.» شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆرگەزمە سۇپىسىغا تايىنىپ، كارخانىمىز شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا بازىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا تايىنىپ مەملىكەت سىرتى بازىرىنى ئاچتى.
رەقەملىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقە يولىدا ئوخشاشلا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى. شىنجاڭ شىيەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان شىنيەن چوڭ تىل مودېلى دۆلەتنىڭ «ئالاقە تورى + مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مىسالى قىلىپ تاللىنىپ، نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئىشلار ساھەسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
بۇ شىركەتنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل خې لۇڭفېي مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايمىز، ئۈرۈمچىدە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئۆزەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»
ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشتىكى كۈچلۈك قىزغىنلىقى شىنجاڭنىڭ كارخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈردى. شىنجاڭ كارخانا مۇلازىمىتى بىلەن ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يار - يۆلەك بولدى، زور بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.
مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ يېتىلدۈرۈش
كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى يادرولۇق كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون بولۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە تىزىملىككە كىرگەن ئون كارخانا قاتارىغا كىردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ شىركەت يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 7 - تۈركۈمدىكى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگەنىدى.
«شىركىتىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش - ئۆستۈرۈش بازىسىدىن 12نى قۇرۇپ، زاراڭزا، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش - ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. كارخانىمىز 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بەرپا قىلغان <بىر بەلباغ، بىر يول> جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا يىلىغا 5000 توننا جۇڭيى دورا ياسالمىلىرى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى كېئاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېشىل كاربون زامانىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىشقا ئاشۇرىمىز.
كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «ئۇرۇق تاللاش، مايسا يېتىشتۈرۈش، ئەلالىرىنى يېتىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن دەۋرىيلىك يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي يېتىشتۈرۈلگەن يېڭىلىق يارىتىشچان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 2815، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 1303، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا 61 بولدى.
ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىلىرىگە ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى سىجىل يەتكۈزدى.
6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 11 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئىجادكارلىرى» شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلىنىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، كەسىپ بىلەن پۇل مۇئامىلىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىندى.
شىنجاڭ جۇڭكې BIPV يورۇقلۇق ۋولت كۆزنىكى كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈن شۇۋېي مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە ئىجادكارلارنىڭ <سىنتېشى>، شۇنداقلا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى <تېزلەتكۈچ> بولۇپ، بىزنى يۇقىرى سەۋىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قىممەتلىك يېتەكچىلىك ۋە قوللاشقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.»
10 يىللىق مۇسابىقىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: شىنجاڭ بويىچە 5260 ئەلا سۈپەتلىك تۈر بىرلىكتە قاتناشتۇرۇلدى، 212 مۇنەۋۋەر تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 92 تۈر مەملىكەت بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا، 200 كۈچلۈك كارخانا، 100 كۈچلۈك كارخانا تۈرىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 تۈر مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. تۈر نەتىجىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىپ، ئېرىشكەن يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى، مۇسابىقە ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەت توپلاش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى.
پۇل مۇئامىلە كاپالىتىنى زورايتىش
كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
ھەر قېتىملىق مەخسۇس تۈر مەبلىغى دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ جىنشۆچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى «بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، تېز بەھرىمەن بولۇش» مېخانىزمىغا تايىنىپ، 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرى مۇكاپات مەبلىغىگە ئېرىشتى. مەبلەغ جەھەتتىن ئەمەلىي يۆلەش كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى خاتىرجەم سىجىل قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«بۇلتۇر بىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاق رەڭلىك ئالاھىدە ماي، چاق بۇلى مېيى قاتارلىق سىلىقلاش مېيى مەھسۇلاتلىرى مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇ قېتىمقى سىياسەتنىڭ پايدىسى بىزنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى شياۋخې مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز كېيىنكى قەدەمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇسابىقە يوللىرىدا ئاساسلىق ھۇجۇم قوزغاپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىدۇ.
كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قوشۇنىنى سىجىل زورايتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ مالىيە جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىغا نەپ يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇلىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى.
مالىيە مۇكاپاتى ھەم ياردەم پۇلدىن باشقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «بىر ئايدا بىر زەنجىر» «10 بانكا، 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ، تۈمەن كارخانا» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى، 17 ھەمكارلاشقان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىغا 560 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئوبوروتى قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە - ئاپتونوم رايوندا باشلامچىلىق بىلەن «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك تەسىس قىلىپ، يەرلىك ھەم بىڭتۇەن كارخانىسىدىن 253نى قوبۇل قىلىپ بۆلەككە كىرگۈزۈپ يېتىشتۈردى، يېتىشتۈرۈش قاتلىمى، قېلىپلاشتۇرۇش قاتلىمىغا كىرگەن 60 كارخانىنى مۇكاپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 272 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايوندىكى يىللىق كېپىللىك ھەققى نىسبىتى %2تىن تۆۋەن بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىغا مۇكاپات ھەم ياردەم پۇل بەردى.
ئۈزلۈكسىز بولغان مەبلەغ مەدىتى بىلەن يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنىڭ پايدىسى سىجىل گىرەلىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دولقۇنىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇۋۋەت توپلىدى، مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.






