− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
پەن - تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.
7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 22 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 18 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشنى چۆرىدەپ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۇختا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ «15 - بەش يىل» باشلانغان يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق پەن - تېخنىكا كاتتا يىغىنى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت، بولۇپمۇ كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئىلھاملاندۇردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ يىللاردا ھەر قېتىم ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ھەم سۆز قىلىپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى زور، تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۇلۇغۋار پىلانى سىستېمىلىق تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە تېز كۆتۈرۈلدى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، ھاياتلىق ئىلمى، ماددا ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم ئىجادىي نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، «چاڭئې 6 - نومۇر» ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىجادىي دورىلاردا تەقلىد قىلىش، ئەگىشىپ ئېچىشتىن تۇنجى ئىجاد قىلىشقىچە بولغان ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... بۇ ئىجادىي بۆسۈش دۆلىتىمىزنىڭ «يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى»نى نامايان قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەيدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا تاللاپ يېتىشتۈرگەن سورت كۆلىمى %95تىن ئېشىشتىن توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيوتېببىي دورا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغىچە، يەنە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو يىغىلىش ئېنېرگىيەسى، مېڭە - كومپيۇتېر ئۇلاش، 6 - ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن - تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۇرغۇتۇلدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، بولۇپمۇ «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا يېڭى ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 140 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب پەن - تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى پۇختا ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويغانلىقىدا.
بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنياۋى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى بولۇشتىن يول ئاچقۇچى، يېتەكچى بولۇشقا قاراپ تېز ئۆزگىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قالتىس مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەر قېتىملىق مۇھىم بۆسۈشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ بىزنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. مەۋقە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە قويۇلۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئالتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ھالدا دادىل ۋە ماھىرلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا بۇرچ شەرەپلىك، ۋەزىپە مۈشكۈل، دۆلىتىمىزنى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ۋاقىت غەنىيمەت، مەسئۇلىيەت زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئۇلۇغۋار ئارزۇنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)






