تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش. يېڭى بايقاش | AI كۈچ قوشتى، بۇ بىر توپ ياش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يىلتىز تارتىپ يېڭىلىق ياراتتى

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەنشى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى+» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپىدىكى تېخنىكلار كومپيۇتېر ئالدىدا 3Dلىق مودېل ياسىماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شەنشى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا رايونىدا، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار+» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپىدىكى ياش تېخنىكلار كومپيۇتېر ئالدىدا پۈتۈن زېھنى بىلەن 3D لىق مودېل ياساش تەپسىلاتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، AI تېخنىكىسىنى شۇ جايدا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ لايىھە پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت ئاساسلىقى كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى ئېچىپ قۇرۇش ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، رايون ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كاپالىتى قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەرنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدۇ.

   بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپى يىل بېشىدا رەسمىي تەشكىللەنگەن بولۇپ، تۆت نەپەر يادرولۇق تېخنىك تايانچى باشلامچىلىق قىلغان، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 33 ياش. AI چوڭ مودېلنى شۇ جايدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىنقى قاتاردىكى ئىزدىنىش ساھەسىگە تەۋە بولۇپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئۇلار لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دائىم توسالغۇغا ئۇچراش، سىناق قىلىش تەكرار مەغلۇپ بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنىدى. قاتمۇقات بوغۇق نۇقتىلار ئالدىدا، كوللېكتىپنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نوپۇزلۇق كەسپىي خادىملار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، نەق مەيداندىكى ئەمەلىي ئېھتىياجنى دەل جايىدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى تېخنىكىسى بىلەن نەق مەيدان ئەمەلىي مەشغۇلات ئوتتۇرىسىدىكى توسۇقنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇتلەق ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلدۇردى.

    كوللېكتىپ دىققەتنى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرمۇتۈر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك AI ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى ئەمەلىي قوللىنىش ئورۇنلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى مەزگىللىك يىرىك پىلاندىكى رەقەملەشكەن ئەمەلىي قوللىنىش تىزىملىكىنى تەدرىجىي ھالدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى. بۇ يىل 4-ئايدا، بۇ كوللېكتىپ ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى بويىچە بىخەتەر، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈشكە كېتىدىغان ئادەم كۈچى سېلىنمىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆپ تۈرلۈك يارقىن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي جۇڭغاردا يىلتىز تارتقان بۇ بىر توپ ياش پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچلىرى رەقەملەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچ قوشۇپ، شۇ جاينىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ئۈزۈلمەس ياشلىق قۇۋۋىتى قوشماقتا.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەنشى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى سۈنئىي  ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەنشى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى+» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ گولياڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ياش تېخنىكلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەنشى ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.  

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.