ئاپتور: تاڭ چۈن
6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى شىنجاڭ قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرىدە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان 1-دەرىجىلىك ھايۋان − ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكلەر توپىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان قىممەتلىك كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

ھازىر دەل ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى، ئەركەك قۇشنىڭ تەۋەلىك ۋە جۈپلىشىش ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، دائىم بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، سۈرئەت تالىشىپ ئۈزىدۇ. چىشى قۇشنىڭ پەيلىرى ئاددىي، پۈتۈن بەدىنى تۇتۇق قوڭۇر رەڭدە، مەڭزىدە سۇس رەڭلىك ئىنچىكە سىزىقچىلار بار، قارىماققا تىنچ، بەخىرامان كۆرۈنىدۇ.

ئاقباش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك كارتون ئوبرازى «تاڭلاۋيا»نىڭ ئەسلىي تىپى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان 1-دەرىجىلىك قۇش تۈرىگە تەۋە، ئۇلار سۇلۇق يەرنىڭ سۇ سۈپىتى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە ئىنتايىن سەزگۈر. زور بىر تۈركۈم ئاقباش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكلەرنىڭ قۇلىستاي يايلىقىدا پەيدا بولۇشى شۇ جاينىڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ياخشىلانغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






