كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بايلىقىغا تايىنىپ، «جەنۇبنىڭ مېۋىسىنى شىمالدا ئۆستۈرۈش» تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى سىناق قىلىپ، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەرلىكنىڭ مېۋە-كۆكتات تۈرىنى بېيىتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى جانلاندۇردى. ھازىر قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدىكى ئۈزۈملەر مەركەزلىك ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، ئالدىن بازارغا سېلىنغان چېلىزىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى، پەلەمپەيسىمان پىشىدىغان ئۆزگىچە مېۋە تۈرى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.
ھەر خىل ئۈزۈملەر شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، ئۆسۈش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولدى، ھازىر ئومۇميۈزلۈك پىشىپ، ئۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىر جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرىقچىلىق پارنىكىغا كىردى، پارنىكتا پېلەكلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، تۈرلۈك ئۈزۈملەر شاخلارغا لىق تولغانىدى، ئۈزۈملەرنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇپ، ھازىر ئومۇميۈزلۈك پىشىپ ئۈزۈۋېلىشنى كۈتۈۋاتاتتى. ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، بۇ بازا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا كونترول قىلىش، تۈجۈپىلەپ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۆز جايىنىڭ سۇ، تۇپراق شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خاس مېۋىلىك دەرەخلەردىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولدى. بازا ئۈزۈۋېلىش مەزگىلىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي بازارغا سېلىشتەك تېرىقچىلىق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى، چېلىزى ئالدىن بازارغا سېلىنىپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى؛ ياڭگۇاڭ مېيگۇي، لەنباۋشى، مېيرېنجى، نىنا خانىش قاتارلىق ئۈزۈملەر مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى؛ شياڭجياۋ قاتارلىق سورتى كىرگۈزۈلگەن 50 نەچچە خىل مېۋە-چېۋە يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ بازارغا سېلىنىدۇ.
ئۈزۈم مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى.
تېخنىك تۇرانتوختى ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بىر قەدەر قۇرغاق، بۇ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، تېرىقچىلىق، پەرۋىش قىلىشتا سەرپ بولىدىغان كۈچنى تېخىمۇ تېجىدى. ھازىر بازىدىكى نۇرغۇن چېلىزى سورتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، ياڭگۇاڭ مېيگۇي، لەنباۋشى، مېيرېنجى، نىنا خانىش قاتارلىق ئۈزۈملەرنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، يەنە كۆپ تۈردىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى ماس قەدەمدە پىشىۋاتىدۇ، بۇ يەرگە ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ».

جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن شياڭجياۋ.
«جەنۇبنىڭ مېۋىسىنى شىمالدا ئۆستۈرۈش» كەسپى ماكانلاشقاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش موللاشتى. ئۈزۈم، چېلىزىنىڭ ماس قەدەمدە مول ھوسۇل بېرىپ، بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى يېزا-كەنتلەردە مېۋە ئۈزۈش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، مېۋە-چېۋە سېتىش يوللىرى كېڭەيدى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئۈنۈملۈك زورىيىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. خۇبېيلىق ساياھەتچى يەن شيۇخۇا مۇنداق دېدى: «مەن جەنۇبنىڭ مېۋىلىرى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بۇ پارنىكقا مەخسۇس ياڭگۇاڭ مېيگۇي ئۈزگىلى كەلدىم، بۇ يەرنىڭ كېچىسى بىلەن كۈندۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى يېتەرلىك، ئۈزۈمنىڭ ئېتى توق، تاتلىقللىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. پارنىكتا شياڭجياۋ، چېلىزى قاتارلىق 50 نەچچە خىل يېڭى مېۋە ئۆستۈرۈلۈپتۇ، يەنە ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى ئۈزۈشنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن».

ياخشى ئۆسۈۋاتقان فەنمۇگۇا.
كېيىنكى قەدەمدە، قاراقاش ناھىيەسى «جەنۇبنىڭ مېۋىسىنى شىمالدا ئۆستۈرۈش» كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ياخشىلاپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، باغ-ئورمان سورتىنى كېڭەيتىپ تولۇقلاپ، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق، ئۈزۈش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






