شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «تىيانشاننى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، تور ساھەسى شىنجاڭغا يۈزلىنىش» 2026 - يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى باش تېما پائالىيىتى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيەنۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي ليۇ جيەنمىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئالاقە تورى ساھەسىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى مول مەدەنىيەت ئوزۇقى ۋە كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.
پائالىيەت «چاقنىتىش . شىنجاڭ» «كېلىش . شىنجاڭ» «ئورتاق سادا . شىنجاڭ» «جۇلالاندۇرۇش . شىنجاڭ»دىن ئىبارەت تۆت سەھىپىگە بۆلۈنگەن. ۋېيبو قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋەكىللىرى نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تارقىتىشقا كۈچ قوشۇشتىكى ئەمەلىيەت ئىزدىنىشى ۋە ئىجادىي ئويلىنىشىنى ھەمبەھرىلىدى؛ تور داڭلىق شەخسلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھارارەتنى يەتكۈزدى؛ مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرۈش، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، تور مەدەنىيىتى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا 2025 - يىللىق شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر تۈر» ۋە «ئون مۇنەۋۋەر ئەسەر»، 2026 - يىللىق شىنجاڭ ئائىلىۋى تور باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە سىن توپلاش كۆرگەزمە پائالىيىتىدىكى «100 مۇنەۋۋەر ئەسەر» ھەم مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇن قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى، ھەم يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى ماس قەدەمدە باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت 2026 - يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، يۈرۈشلۈك پائالىيەت مەزگىلىدە شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى تەرەققىياتى بويىچە ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى، توردىكى داڭلىق شەخسلەر قول تۇتۇشۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ.






