كەڭ ئاممىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىز ئالدامچىلىقنى تونۇش، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك! تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ۋە ئۆگىنىپ، تۇرمۇشتا كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىڭ!
ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى ھەر يىلى ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ
ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ
جىنايەتچىلەرنى دائىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا
ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقىنى زادى نېمە؟
قولنى سوزسىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان «ئاسماندىن ياغقان پۇل»؟
«غايىب»تىن پەيدا بولغان ساھىبجامال، كېلىشكەن يىگىت؟
تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان گۇڭئەن، تەپتىش، سوت تېلېفونى،
يوقىلاڭ شىكايەت؟
ئالدامچى ئۇنسۇرلار دەل ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقتىن پايدىلانغاچقا
پۇل-مالنى تەكرار-تەكرار ئالداپ ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ
ھوشيارلىقىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرەيلى!






