تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىنىڭ جياڭجۈن تېغى باغرىدا ئوتتۇرىسى قارا جۇخار گۈللىرى توپ-توپ پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك گۈللەر شامالدا يەلپۈنۈپ، ئادەمگە راھەت بېغىشلايدىغان ئالتۇن رەڭلىك گۈل دېڭىزىنى ھاسىل قىلغانىدى.
جياڭجۈن تېغىنىڭ ياز پەسلى ناھايىتى راھەت. بۇ يەر شىمالىي كەڭلىك 47 گىرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبنىڭ دىمىق نەملىكىمۇ، تۈزلەڭلىكنىڭ قۇرغاق ئىسسىقىمۇ يوق، قۇمساڭغۇ شېغىللىق يانتۇ يەر، سۇ چىقىرىۋېتىشى راۋان تۇپراق ئوتتۇرىسى قارا ئالتۇن رەڭلىك جۇخار گۈلىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئوزۇقلاندۇرغان. كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان پاكىز ھالىتى، تاغ-دالىلارغا خاس «تۈزلۈكى» كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايتتى.
(ئاپتور: دەي ۋېيلى ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






