تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

يازلىق تەتىل مەزگىلىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي ساياھىتى قىزغىنلىقى ئاشتى

7-ئاينىڭ 8-كۈنى، كىچىك دوستلار شىنجاڭ مۇزېيى توپلىمىغا تامغا باسماقتا.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 7-ئايدىكى يازلىق تەتىل مەزگىلى كىرىشى بىلەن، مەدەنىيەت-ساياھەت، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يازلىق تەتىلدىكى ئېكىسكۇرسىيە يۇقىرى پەللىسىنى رەسمىي كۈتۈۋالدى. مەيدان-ساراي ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى جايلاردىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر، شۇنداقلا يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرىمۇ بار بولۇپ، كۆرگەزمە كۆرۈش كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق بولدى.

7-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

    مەيدان-سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار توپى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئاساسلىق توپقا ئايلانغان، نۇرغۇن ئاتا-ئانا يازلىق تەتىلدىكى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىنى مۇزېيغا ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئوقۇپ، غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىنى چۈشىنىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، مۇزېينى يازلىق تەتىلدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلاشتىكى ئەلا سۈپەتلىك دەرسخانىغا ئايلاندۇردى.

7-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

    «يازلىق تەتىلدە بالىنى مۇزېيغا ئېلىپ كەلسەك ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن، كىتابتىكى تارىخ بىلىملىرى بىۋاسىتە، جانلىق بوپتۇ، بالىلار ئەستايىدىل كۆرۈپ، بېرىلىپ ئۆگەنسە، ھەم نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدىكەن، ھەم شىنجاڭنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالايدىكەن» دېدى شەھەر ئاھالىسى لى خانىم بالىسىنى ئېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا. ھازىر، چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېينى ھېس قىلىش شىنجاڭنىڭ يازلىق تەتىلدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندى.

7-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.