7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەندىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، بۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالتە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم (قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، خوتەن، كورلا، ئالتاي)نىڭ ھەممىسىدە بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى. سۈرەتنى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن
پات ئارىدا ئېچىلىدىغان بېيجىڭدىن خوتەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5389/90 بولىدۇ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە ئايروبۇس A321 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىش-كېلىش ئومۇمىي مۇساپىسىدە 400 ئورۇن بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. CZ5389 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ؛ CZ5390 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ. يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈنىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان توققۇزدىن ئونغىچە كۆپەيتىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن پايتەختكە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك بوشلۇق كارىدورى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.
ھازىر، قەشقەردىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى كۈنىگە بىردىن ئىككىگىچە، غۇلجىدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى كۈنىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىككى، ئالتاي بىلەن كورلىدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى بىردەك كۈنىگە بىر بولماقتا، خوتەن، ئاقسۇدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم ئۇچماقتا. (مۇخبىر: ما يىنىڭ)
مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى






