ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، يازلىق تەتىللىك ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىشكە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا قىزغىنلىق سىجىل ئاشتى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار بىلەن خوتەن 2-كوچىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئالقىشلىق كوچا رايونىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھىتىدىكى ئالقىشلىق «ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلات» − نان، بىشەكچى قوغۇن، شىنجاڭ قوزىسى ئويۇنچۇقى كۆپ ساندىكى ساياھەتچىنىڭ داكا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللىشىغا ئايلاندى.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن 2-كوچىسىدا شىنجاڭ قوزىسى ئويۇنچۇقىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن 2-كوچىسىدا سەپىرىدىكى ھەربىر خۇشال پەيتنى خاتىرىلىمەكتە.
كوچىلاردا پىيادە ماڭغاندا، يېڭىلا تونۇردىن چىققان ناننىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى، تاتلىق، شىرنىلىك بىشەكچى قوغۇن ئىسسىقتا ئۇسسۇزلۇقنى ھەقىقىي قاندۇراتتى، يۇڭلۇق ھەم ئوماق شىنجاڭ قوزىسى مەدەنىيەت-ئىجادىيەت ئويۇنچۇقى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. «مەززىلىك ناندىن بىر چىشلەم يەپ، ئارقىدىن بىشەكچى قوغۇنغا ئېغىز تېگىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ قوزىسى ئويۇنچۇقىنى ئېلىپ كېتىش» ساياھەتچىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۆلچەملىك مەزمۇنغا ئايلاندى.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن 2-كوچىسىدا يولدا كېتىۋاتقاچ بىشەكچى قوغۇن يىمەكتە.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ناننى كۆتۈرۈپ سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار جياڭلەيچېڭدا ئۆزى سېتىۋالغان شىنجاڭ قوزىسى ئويۇنچۇقىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
مەززىلىك تائاملار بىلەن ئوماق مەدەنىيەت-ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار بىلەن خوتەن 2-كوچىسىغا ئىللىقلىققا تولغان ئۆزگىچە سەيلە-ساياھەت مەزمۇنى قوشتى. مەززىلىك تائاملار ساياھەتچىلەردە ئۆزگىچە تەم تەسىراتى قالدۇردى، مەدەنىيەت-ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، ئۈرۈمچى ئۆزگىچە IPسى ئارقىلىق ياز پەسلىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈردى.






