يېقىندا
شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ۋوگزاللاردا
كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئوچۇق سېرىق رەڭ پەيدا بولدى
يولۇچىلارنىڭ قولىدىكى «كىچىك سېرىق يەشىك»
«ئۆلچەملىك سەپلىمە» بولۇپ قالدى
بۇ يەشىككە زادى قانداق گۆھەر قاچىلانغان؟

مەنبەسى: جۇڭگو تۆمۈريول ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
جاۋابى بولسا
شىنجاڭنىڭ ياز كۈنلىرىگە خاس شېرىن تەم−ئۆرۈك
بۇ ئۆرۈكلەرنىڭ
يولۇچىلار قايتىش سەپىرىدە ئېلىۋالىدىغان ئالقىشقا ئېرىشكەن مەھسۇلات بولۇشى
ۋوگزالنىڭ سەمىمىي كاپالەتلىك قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ
يولۇچىلارنىڭ مېۋە ئېلىپ يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن
كورلا ۋوگزالى، كۇچا ۋوگزالى
قومۇل ۋوگزالى قاتارلىق ۋوگزال مۇلازىمەت سۇپىسى
مېۋىلەرنىڭ سەپەر جەريانىدا سوقۇلۇپ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن
پىلاستىر، سىلكىنىشتىن ساقلايدىغان كۆپۈكسىمان ماتېرىيال، ئوراپ قاچىلاش ئارغامچىسى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ
يولۇچىلارغا يېڭى مېۋىلەرنى پۇختا ئوراش مۇلازىمىتى قىلدى

مەنبەسى: جۇڭگو تۆمۈريول ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
ھەر يىلى 6-ئايدىن 7-ئايغىچە
شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ تەمىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل
«ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن» ئاق ئۆرۈك يېقىندا پىشىپ تۈگىدى
ھازىر دەل
شاختا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك، ماڭگو ئۆرۈك، بارىن ئۆرۈكى قاتارلىق
ئۆرۈكلەرنىڭ مەركەزلىك بازارغا سېلىنىش مەزگىلى
بۇ ئۆرۈكلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ
پۇرىقىمۇ ئۆزگىچە مەززىلىك

ئاق ئۆرۈك. مەنبە: توقسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
شاختا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك
داڭلىق «بىر ئۆرۈكنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا يېيىش» ماھىرى
يېڭى مېۋىنىڭ ئېتى چىڭ، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك
يۇمشىغاندىن كېيىن يېسە، تەمى تېخىمۇ لەززەتلىك
شامالدا قۇرۇتقاندىن كېيىن
يەنە چۈچۈمەل تاتلىق ئۆرۈك قېقىغا ئايلىنىدۇ

شاختا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك. مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» دوۋيىن سۇپىسى
ماڭگو ئۆرۈك بولسا
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن يېڭى سورت
دانىسى چوڭ، ئېتى قېلىن، تاتلىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق
ئاستا چىشلىسىڭىزلا ئېغىزىڭىز شىرنىگە تولىدۇ
نۇرغۇن كىشى قايتىش سەپىرىدە چوقۇم ئېلىۋالىدىغان ياخشى مېۋە

ماڭگو ئۆرۈك. مەنبەسى: ئاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
بارىن ئۆرۈكى بولسا
مېۋە ئېتى قېلىن، رەڭگى ئوچۇق
يېسىڭىز ئېغىزىڭىز ساپ تەبىئىي مېۋە پۇرىقىغا تولىدۇ
چۈچۈمەل-تاتلىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق، يېسە بەك تەملىك

بارىن ئۆرۈكى. مەنبەسى: ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى دوۋيىن سۇپىسى
قايتىش سەپىرىڭىزدە
سىز يەنە شىنجاڭنىڭ قانداق ياخشى نەرسىلىرىنى ئېلىۋالىسىز؟
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






