تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش. يېڭى بايقاش | شىنجاڭ قۇملۇقىدىكى تۇز كۆلگە تۇز كىرىستال «سىرلىق ئوردا» بىلەن 10 مىڭ توننا تۇز تاغ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەمسىز

  7-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇز دۆۋىلەپ ساقلاش رايونىدىكى «تۇتاش كەتكەن تۇز تاغ»نىڭ شولىسى تۇز كۆلىدە ئەكس ئەتتى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) سۈپسۈزۈك تۇز كۆل قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان بولۇپ، سۈپسۈزۈك سۈيى بىلەن ئاپئاق تۇز ساھىلى گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىن قارىغاندا، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئەيلەن تۇز كۆلى خۇددى بىر ئۇزۇن گۆھەر بوتۇلكىغا ئوخشاش قۇم دېڭىزىدا جىمجىت سوزۇلۇپ ياتىدۇ، زۇمرەتتەك سۇدا سېرىق قۇم ئەكس ئېتىپ، تۇز كىرىستاللىرى چۆل-باياۋاننى ئوراپ تۇرىدۇ، تەبىئىي ھاسىل بولغان ئۆزگىچە يەر شەكلى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىچە مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

  7-ئاينىڭ 7-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى شىنجاڭ خۇڭدا تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەيلەن تۇز كۆلىگە كىردى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش، يەر يۈزىدە ئەمەلىي سۈرەتكە تارتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قۇملۇقتىكى تۇز كۆلىنىڭ تەبىئىي قىياپىتىنى چۆكۈش شەكلىدە زىيارەت قىلىپ، ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك تۇز كۆلى مەنزىرىسى بىلەن زامانىۋى تۇز سانائىتى يۇغۇرۇلغان ئۆزگىچە جەلىپكارلىقنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار تۈرلۈك ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تۇز كاندۇكلىرىدا سانائەتلەشكەن تۇز قېزىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار تۇز تاغدىن ئەۋرىشكە ئالماقتا.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدىن تۇز كىرىستال «سىرلىق ئوردا»نى سۈرەتكە تارتماقتا.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار تۈرلۈك ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تۇز كاندۇكلىرىدا سانائەتلەشكەن تۇز قېزىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى خۇڭدا تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار تولۇق ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئارقىلىق خالتىلىق ئاش تۇزى ئىشلەپچىقارماقتا.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇز كاندۇكلىرىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە بوشلۇقتىن نەزەر.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇز كۆلىنىڭ يۈزىدە شەكىللەنگەن كىرىستال جىسىم.

  ئەيلەن تۇز كۆلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 756 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۆزگىچە تۇز تۈرىدىكى تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، خاسلىققا ئىگە تۇز كۆلى مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەنزىرە رايونىدا تەبىئىي تۇز كىرىستال «سىرلىق ئوردا» ياسالغان بولۇپ، ئەسلىدىكى تەبىئىي تۇز پارچىلىرىدىن ئېگىز تۇز تاغ قوپۇرۇلغان، قەدىمىي، ئىپتىدائىي تۇز يوللىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن «سىرلىق ئوردا»نىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن قىزىقارلىق. تۇز كۆل مەشغۇلات رايونىدا مىڭ تونناژلىق تۇز تاغ رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، پۈتۈن رايوندىكى تۇز تاغنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 500 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، ئاپئاق تۇز تاغ بىلەن كۆل سۈيى بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، قۇملۇقتىكى تۇز كۆلىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرىسىگە ئايلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەيلەن تۇز كۆلىنىڭ تۇز بايلىقى ئومۇمىي زاپىسى 1 مىليارد 840 مىليون توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، تۇز بايلىقى زاپىسى تولۇق، سۈپىتى ياخشى ئىكەن. ھەر بىر ئادەم كۈنىگە بەش گىرام ئاش تۇزى ئىستېمال قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ تۇز كۆلىدىن چىقىدىغان تۇز بايلىقى دۆلىتىمىزدىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنىڭ 1000 يىلغا يېقىن ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، بۇ يەر مول بايلىق زاپىسىغا تايىنىپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «1000 يىل قۇرۇماس تۇز ئامبىرى» دەپ ئاتالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.