ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، 2026-يىللىق شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە قىزغىن باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «مەززىلىك تائاملار پۈتۈن شەھەرگە توپلاندى . مەززىلىك تەم كاتتا مەرىكىسى» باش تېما قىلىنىپ، 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كۈچلۈك ئېقىم مىقدارىغا تايىنىپ، كۆپ تەرەپلىك سۇپا بايلىقى بىرىكتۈرۈلۈپ، كەسىپلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمالى بىلەن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.


7-ئاينىڭ 7-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىغا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خاس مەززىلىك تائاملار توپلانغان بولۇپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىغا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خاس مەززىلىك تائاملار توپلانغان بولۇپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى، ئادەملەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ مۇنداق تونۇشتۇردى: پائالىيەتتە يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى چىڭ تۇتۇلۇپ، «مەززىلىك تائاملار + پۇتبول»نىڭ ئىجادىي ھەمتۈرتكىلىكى ئارقىلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىكى قايناق ھېسسىيات ئىستېمال بازىرىدىكى قىزغىنلىققا ئايلاندۇرۇلۇپ، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلدى. كۆرگەزمە رايونىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى نامايان قىلىش قاتارلىق ھالقىلار تەسىس قىلىنىپلا قالماي، يەنە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، كەسىپ ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇلدى.





7-ئاينىڭ 7-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا شەھەر ئاھالىلىرى تازىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى چۈشەنمەكتە.
بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكە كىشىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مەززىلىك تائاملار كاتتا زىياپىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك. پائالىيەت يېمەك-ئىچمەك بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى سىجىل چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.






