تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

شىنجاڭدىكى بۇ 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ! يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىمۇ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃15!

يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى

ئىسسىق دولقۇن يەر يۈزىنى قاپلىدى

2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى

 G219 لىنىيەسىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ

قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى سۇڭخەيۋەن مەنزىرە رايونىغا كىردى

 

    ئاپتوموبىل مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە، ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇش ھىدى ئارىلاشقان سالقىن شامال دېرىزىدىن ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقان پەيتتە، سالقىنلىق بىردىنلا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، مەنزىرە رايونى سىرتىدىكى قۇرغاق ئىسسىق بىلەن روشەن پەرقلەندى، كۆپچىلىك دەرھال چاپىنىنى ئېلىپ كىيىۋېلىشتى.

    «تۈنۈگۈن شىخودا ئىسسىققا چىدىماي قالغانىدۇق، بۈگۈن بۇ يەردە سالقىن شامال چىقىۋاتىدۇ، ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندىنمۇ راھەتكەن، بىردىنلا جانلىنىپ كەتتىم!» دېدى شىخودىن كەلگەن ساياھەتچى جاۋ مىن ھاياجىنىنى باسالماي.

    تۇتاش كەتكەن قاتمۇقات قارىغايلار تاغ باغرىنى قاپلىغان بولۇپ، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار ياپيېشىل يايلاقلاردىن ئېقىپ ئۆتەتتى. دۆلەت 4A دەرىجىلىك بۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئاران ℃15، ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، سالقىن ھاۋا ئېگىز تاغ يايلاق مەنزىرىسىگە ماسلاشقان بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن سالقىندايدىغان گۆھەر ماكان.

    نۇرغۇن ساياھەتچى نېمە ئۈچۈن مەنزىرە رايونى سىرتىدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا چىدىغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى يىل بويى سالقىن، يېقىشلىق، دەپ ھەيران بولۇشتى.

    «بۇنىڭغا ئۈچ خىل تەبىئىي سوۋۇتۇش سىرى يوشۇرۇنغان». قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بالجىت مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1800 مېتىر، يەر شەكلى ئېگىز بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى تەبىئىي تۆۋەن بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە؛ تاغنى قاپلىغان سىبىرىيە بال قارىغىيى چوڭ سايىۋەن بولۇپ، قاتمۇقات شاخ-يوپۇرماقلىرى ئوتتەك قىزىق قۇياش نۇرىنى توسۇپ تۇرىدۇ، دەل-دەرەخلەر ئىسسىق ھاۋانى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ تۇرىدۇ؛ تاغ ئارىسىدىكى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرغان ئېقىنلار پارغا ئايلىنىپ ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، تاغ جىلغىسىدىكى ئايلانما ئېقىم بىلەن ماسلىشىپ ئۈزلۈكسىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھاسىل قىلىدۇ، ئۈچ خىل تەبىئىي ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى قوشۇلۇپ، مۇشۇنداق يازدىكى تەبىئىي سالقىن جىلغىنى ھاسىل قىلغان.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى سۇڭخەيۋەن مەنزىرە رايونىدا، كىگىز ئۆي چارۋىچىلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانىلار رەت-رەت تىزىلغانىدى.

لى شياڭدۇڭ فوتوسى

   بۇ يەرگە كېلىپ سالقىندايدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ جانلاندى، بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلار «ساياھەت تاماق قاچىسى»غا ئىگە بولدى.

  «تېز كىرىپ ئولتۇرۇڭ، دۇكىنىمىزدا مەززىلىك تائاملار بار، يەنە ئات مىنگەچ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايسىز.» مېڭكې چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى جاۋا مېڭكې ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ يېنىدا دۇكان خادىمى يېڭى قوي گۆشىنى چاققانلىق بىلەن پارچىلاۋاتقان بولۇپ، يېنىدىكى ئوچاقتا خۇشپۇراق ئەتكەن چاي قايناۋاتاتتى.

  كۆپ يىللىق تىجارەت كەچۈرمىشى توغرىسىدا پاراڭ بولغاندا، جاۋا مۇخبىرغا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2019-يىلى، ئۇ سۇڭخەيۋەن مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچقان، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا تاغقا چىقىپ كىگىز ئۆيلەرنى رېمونت قىلىدىكەن، ماددىي ئەشيا سېتىۋالىدىكەن، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاندىن تاغدىن چۈشۈپ ئارام ئالىدىكەن، قىسقىغىنە تۆت ئايلىق ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدىكى كىرىمى پۈتۈن ئائىلىنىڭ بىر يىللىق چىقىمىنى قامدىيالايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ساياھەت پەسلى كەلسىلا ھەر كۈنى ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، كۈتۈۋالىدىغان مېھمانلىرىمىز ئىچىدە يەرلىك كىشىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەنلەرمۇ بار. نۇرغۇن كىشى سالقىنداش ئۈچۈن كېلىپ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ كېتىدۇ».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇڭخەيۋەن مەنزىرە رايونىنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى يىلدىن يىلغا مۇكەممەللەشتى، ياغاچ ئاسما يول، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى مەنزىرە رايونىغا كېلىشكە جەلپ قىلدى. جاۋاغا ئوخشاش شۇ جايدىكى نۇرغۇن چارۋىچى قامچىسىنى تاشلاپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى، مەنزىرە رايونىدا ھازىر 20دىن ئارتۇق چارۋىچىلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھانخانا بار.

  چىملىقتا چارۋىچى ئېدېنجاپ ئېدېلباتېر ئارغىماقنى يېتىلەپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئات مىنىش ۋە ئائىلىۋى مېھمانخانا ئارقىلىق قىلغان كىرىمى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى چارۋا بېقىشتىن قىلغان كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇ جايدىكى چارۋىچىلار يەنە ئۆزگىچە مەدەنىيەت-ساياھەت تىجارەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۈندۈزى ئات مىنىش، پىيادە مېڭىش، يايلاقتا دالىدا قونۇش قاتارلىق دالادا ھېس قىلىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلدى، كەچتە موڭغۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى قويۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە-ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتتى، كىگىز ئۆيدە يەنە خەلق ئۆرپ-ئادىتى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى تەسىس قىلىپ، كىگىز كەشتىسى، كالا تېرىسى ئويمىچىلىقى قاتارلىق مەدەنىيەت-ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى.

  يازدىكى تومۇز ئىسسىقتا، سۇڭخەيۋەن مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە سالقىن بايلىقىغا تايىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، تاغ-ئورمانلار ئارىسىدىكى مەيىن شامال، ئېقىنلار ساياھەتچىلەرنى تومۇز ئىسسىقتا سالقىنداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەلا سۈپەتلىك تاغ-دەريا بايلىقىنى چارۋىچىلارنىڭ قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بەختلىك تۇرمۇشىغا ئايلاندۇردى.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.