
چۈشكۈرۈش، بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىشنىڭ ھەممىسىنىڭ زۇكام ئالامىتى بولۇشى ناتايىن، بەلكىم چاڭ-توزان كانىسى پەيدا قىلغان زىيادە سەزگۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن
زۇكام بىر ھەپتە ئەتراپىدا ساقىيىدۇ، زىيادە سەزگۈرلۈك بولسا قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ، بولۇپمۇ ياتاق ئۆيگە كىرگەندە، يوتقاننى قاققاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى چاڭ-توزان كانىسى بولۇپ، كانا ئادەمنىڭ تېرە كېپەكلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ، كارىۋات سېلىنچىسى، ياستۇق، يۇڭلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىقلاردا ماكانلىشىپ ياشايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەر ھەپتىدە 60 گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق سۇدا كىرلىكلەرنى يۇيۇش؛ يۇڭلۇق ئويۇنچۇقنى 24 سائەت توڭلىتىپ چاڭ-توزان كانىسىنى ئۆلتۈرۈش؛ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن سۈزگۈچ تورنى تازىلاش كېرەك. ئەگەر جاھىل خاراكتېرلىك زىيادە سەزگۈرلۈك بولسا دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس زىيادە سەزگۈرلۈكنى داۋالاش بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.
مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






