تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13 ياشلىق قىزلار ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ! ئىككى ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسى دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

   دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە «دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى ۋە ئىزاھاتى (2026-يىل نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى، ۋاكسىنا ئەملەش ئادەتتىكى پىرىنسىپى، ھەر بىر خىل ۋاكسىنىنى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى، دائىم كۆرۈلىدىغان ئالاھىدە ساغلاملىق ھالىتىدىكى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەشنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.

   يېڭى نۇسخىدىكى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى ۋە ئىزاھاتىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدا ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى ياكى تولۇقلاپ ئەملەش پىرىنسىپى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئەملەشكە بولىدۇ؛ بەيبەيپو ۋاكسىنىسىنى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى ئىلگىرىكى «ئۈچ ئايلىق بولغاندا باشلاش»تىن «ئىككى ئايلىق بولغاندا باشلاش»قا تەڭشەلدى، جەمئىي بەش قېتىم ئەملىنىدۇ؛ ئىككى ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسى دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، ئەملەش ئوبيېكتى 13 ياشلىق قىزلار بولۇپ، جەمئىي ئىككى قېتىم ئەملىنىدۇ. 

   تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

   بىرىنچى، ئىممۇنىتېت تەرتىپ جەدۋىلى. جەدۋەل شەكلىدە دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ نامى، ۋاكسىنا تۈرى، ئەملىتىش يولى، مىقدارى، ئەملىتىش يېشى قاتارلىق مەزمۇنلار نامايان قىلىنىدۇ.

   ئىككىنچى، ئادەتتىكى پىرىنسىپ. دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش پىلانىدىكى ۋاكسىنا ئەملىتىش يېشى، ئەملىتىدىغان ئورۇن، بىرلا ۋاقىتتا ئەملىتىش پىرىنسىپى، تولۇقلاپ ئەملىتىشتە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پىرىنسىپ قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە ۋە ئىزاھات ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   ئۈچىنچى، ھەر خىل ۋاكسىنا ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى. دۆلەتنىڭ ھەربىر خىل ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى ۋە ئەملىتىش ئۇسۇلى، تولۇقلاپ ئەملىتىش پىرىنسىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە ۋە ئىزاھات بېرىلدى.

   تۆتىنچى، كۆپ ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ساغلاملىق ھالىتىدىكى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش تەلىپى. ھازىرقى تەتقىقات ئىسپاتىغا ئاساسەن ھەم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرسەتمە ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلغان بوۋاقلار، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بولغان، ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بىنورمال بولغان، سېرىقلىق چۈشكەن، دائىم كۆرۈلىدىغان تۇغما كېسەللىكلەر، دائىم كۆرۈلىدىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلار ۋە باشقا ئالاھىدە ساغلاملىق ھالىتىدىكىلەرگە قارىتا ۋاكسىنا ئەملەش يېتەكچى پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يەشمە:

«949 قاتناش-سەنئەت رادىيوسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.