تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2026 - يىللىق شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 2026 - يىللىق شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

پائالىيەتتە «مەززىلىك تائاملارنى توپلاپ پۈتۈن شەھەردە نامايان قىلىش . مەززىلىك تەم كاتتا مەرىكىسى» باش تېما قىلىنغان، ئاشپەزلەر بايرىمى، مىفېن بايرىمى، سوغۇق زەنجىر يېمەكلىك ماتېرىياللىرى يىغىنى قاتارلىق ئۆزگىچە بۆلەكلەرنى قاپلىغان بولۇپ، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ھەمتۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا تەمىنلەش - ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سودا ھەمكارلىقى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمالى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى، 2026 - يىللىق شىنجاڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق كۆرگەزمە سودىگىرى جەم بولدى، قوي - كالا گۆشى، سوغۇق زەنجىرلىك خام، يېڭى يېمەكلىكلەر، ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق 1000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ھەم غەربىي شىمال رايونىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ كېڭىشىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىنىپ، غەربىي شىمال يېمەك - ئىچمەك كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇلدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلار، سودىگەرلەر جەمئىيىتى ھەم ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولى يېمەك - ئىچمەك يۇغۇرما تەرەققىيات ئىتتىپاقى، يىپەك يولى مەدەنىيەت - ساياھەت مېھمانساراي بۇيۇملىرى تەمىنات زەنجىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى، مېھمانساراي بۇيۇملىرى ئوبوروتىدىكى توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېمەك - ئىچمەك ساھەسى بويىچە بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش، ماس تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سوغۇق زەنجىر يېمەكلىك ماتېرىياللىرى يىغىنىدا، تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش باش تېمىسى چۆرىدىلىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تاشقى سودا پۇرسىتى ھەم چېگرا ھالقىغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇلدى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش، كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىقلار تاماملاندى ھەم كۆرگەزمىگە قاتناشقان 30 ئەلا كارخانىغا ۋىۋىسكا بېرىلىپ تەقدىرلەندى.

پائالىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان شىنجاڭ مىفېن بايرىمى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈلدى، شۇ جايدىكى 19 مىفېن ماركىسى ھەم شۇ جايدىكى 30دىن ئارتۇق يېمەكلىك ماتېرىيالى تەمىنات سودىگىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېمەك - ئىچمەك بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى.

مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتىدە يەنە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە بىلەن ئىستېمال ھالىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئىجادىي يارىتىلدى. يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئاشپەزلەر بايرىمى ھەم ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قالتىس باشلىنىدۇ. پائالىيەت 2026 - يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىلەن ماس قەدەمدە ھەمتۈرتكە بولۇپ، پۇتبول ماھىرلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ داكا قىلىش، توپ مەستانىلىرىغا مەخسۇس ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويىدۇ ھەم شەھەر ئاھالىلىرىگە يۈزلىنىپ خۇشال غىزالىنىش بويىچە سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىش ئىستېمال بېلىتى بېرىش قاتارلىق ئېتىبارلارنى تارقىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى سودىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سودا مۇلازىمەت كەسپى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جانار ماخسۇتبېك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە دىققەت يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەسىپلەشكەن، كۆپ خىللاشقان كەسىپلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بويىچە بازارنى كېڭەيتىش، ماركا يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.