تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى توپلىشىپ كۆلەم شەكىللەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ بىرى. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، تۈر مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۈزۈم، ياڭاق، نەشپۈت، ئىلى ئېتى، قوڭۇر كالا، پاختا، گۆش قويى، قوناق، قوغۇن، ئەسلىھەلىك كۆكتات، لازا، ئەسلىھەلىك قوغۇن - تاۋۇزدىن ئىبارەت 12 ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، دىققەتنى زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا ئىشلەپچىقىرىشنى يېتەكچى قىلىشتىن پىششىقلاشنى يېتەكچى قىلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە، يەككە كەسىپ زەنجىرى يېتىلدۈرۈشتىن كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا پىششىقلاش، ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش، يېمەكلىك پىششىقلاش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ سۈپەتلىك «ئاشلىق ئامبىرى، مېۋىلىك باغ، چارۋىچىلىق مەيدانى، بېلىقچىلىق مەيدانى» قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تاماق قاچىسىغا تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ ئاشلىقىنى قاچىلاپ، تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ تەمى»نى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىدۇ.

كەسىپ سۈپىتى ئۆستى، تۈرتكە بولۇش كۈچى ئاشتى

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول توپلانغان بولۇپ، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆلچەملەشكەن بازا قۇرۇلۇشى، پىششىقلاش - ئوبوروت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قىممىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.

كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قاراقاش ناھىيەسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى 1000دىن ئارتۇق كۆكتات پارنىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى ئۈمىد يېتىلدۈرگەنىدى.

«ئىلگىرى بۇ چۆللۈكتە ھېچنېمە يوق ئىدى، ھازىر تېرىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت سىرتىغا ساتىمىز.» شىنجاڭ خۇڭيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى ئابدۇسالام مەمەتروزى پارنىكتىكى ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان چەيزىلەرنى كۆرسىتىپ خۇشال ھالدا ئەنە شۇنداق دېدى. پارنىكقا ئورنىتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا تىزگىنلەش سىستېمىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنى دەل جايىدا تەڭشەپ - تىزگىنلەپ، چەيزە سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ خۇڭيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ مەسئۇلى كۇڭ چۇييۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلغار ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپ، كارخانىمىز ئاساسلىق چىقارغان «لاۋۋاڭ ئۇزۇن چەيزىسى» قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلار قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىندى، بۇ يىل 8000 توننا ئەتراپىدا ئېكسپورت قىلىش پىلانلاندى، بازار ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ.

نۆۋەتتە، قاراقاش ناھىيەلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا قۇرۇلغان تۈرلۈك پارنىك 1700دىن ئاشقان بولۇپ، تېرىقچىلىق تۈرلىرى چەيزە، شوخلا، لازا قاتارلىق كۆكتاتلار ھەم لەنمېي، لۇخۇي قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى خاس زىرائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. باغچە رايونىدا يىل بويى 2000غا يېقىن ئامما ئۈزۈش، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق مائاش 3500 يۈەن ئەتراپىدا.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بارغانسېرى كۆپ دېھقان يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندى. نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىدىن 12سى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 68 ناھىيە، شەھەر، رايوننى قاپلىدى، يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتى 270 مىليارد يۈەننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كەسىپ مىقدارى سىجىل ئاشتى. ھەرقايسى جايلار كۆپ خىللاشقان مەنپەئەت باغلىنىش مېخانىزمىنى يېڭىلىق يارىتىپ بەرپا قىلىش ئارقىلىق، زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش، يېقىن ئەتراپتا ئىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە تۈرتكە بولدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنى 100 مىڭدىن ئاشتى؛ كەسىپلەر توپى تۈر قۇرۇلۇشى رايونىدا، دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى كىرىم قۇرۇلۇش قىلىنىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن دېھقانلار كىرىمىنىڭ ماس ئېشىشىدەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

پىششىقلاش ئەلالاشتۇرۇلدى، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى

«يېزا ئىگىلىكىدە پىششىقلاش بولمىسا، ھەممىسى بىكار.» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇش كەسىپلەر توپىنىڭ ياخشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ئاشلىق تېرىشتىن ئۈستەلگە تاماق بولۇپ چىقىشقىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشقىچە، چارۋا باقمىچىلىقىدىن گۆش تۈرى پىششىقلاشقىچە» بولغان زەنجىرنى ئۇزارتىپ قىممەتنى ئاشۇرۇش ئىشىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سانىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تىجارەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرى سەۋىيەسىنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

6 - ئاينىڭ بېشىدا، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى تېخى تولۇق پىشماي تۇرۇپلا، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ ئاھالىسى خەلچىخان نۇجىۋول پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىدى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تورداشلارغا ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تەۋسىيە قىلىنغان قۇرۇق ئۈزۈمدىن تەييارلانغان ئىستىراھەت ئۇششاق يېمەكلىكلىرى، ئېنزىملىق ئىچىملىك قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى، زاكازلار كەينى - كەينىدىن چۈشتى.

«ئۈزۈم پىشمىغاندىمۇ، ساتىدىغان مەھسۇلات بار بولدى.» خەلچىخان ئۈزۈم كەسپىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشنى سۆزلىدى.

بۇ ئۆزگىرىش كارخانىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىن بولغان. يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى شىنسىلۇ كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇيۇش، ئايرىش، تاللاش ئۈسكۈنىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈۋاتقان بولۇپ، ئەسلىدە بىرلا باھادا سېتىلىدىغان قۇرۇق ئۈزۈمنى تۈرگە ئايرىپ تاللاپ، بىر قىسمىنى پىششىقلاپ ئىستىراھەت ئۇششاق يېمەكلىكى تەييارلاپ، بىر قىسمىنى پىششىقلاپ ئېنزىملىق ئىچىملىك تەييارلاپ، ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ كېڭەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېڭى مېۋىلەرنى يەككە سېتىش يولىدىن ھالقىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەسىپ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈردى. 2025 - يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 29 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 224 مىليون يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىگە تونۇشلۇق بولغان «شېرىن كەسىپ» پۈتۈنلەي يېپيېڭى تەرەققىيات شەكلىگە ئىگە بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 12 ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە كەسىپلەر توپى پىششىقلاش ئارقىلىق كەسىپنى كۈچەيتىش، پىششىقلاش ئارقىلىق قىممەتنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاخىرقى ئۇچقا ئۇزىرىشى، يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى كەسىپلەر توپىنىڭ يېتەكچى كەسىپلەر بويىچە پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك 5 پىرسەنت پوئېنتتىن 15 پىرسەنت پوئېنتقىچە ئۆسۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشتە «خام ماتېرىيال سېتىش»تىن «مەھسۇلات سېتىش، ماركا سېتىش، مۇلازىمەت سېتىش»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا قۇرۇتۇش، ئالدىن سوۋۇتۇپ يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلىدى. ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدىكى بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى پىششىقلاش كەسپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى بويىچە پۈتۈن ھالقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىندى، تەرەققىيات قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولدى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئەلا، لېكىن بىرمەھەل «ھوسۇل يۇقىرى بولغان بىلەن كىرىم ئاشماسلىق، سۈپەت ئەلا بولغان بىلەن باھا ئەلا بولماسلىق»تەك تەرەققىيات قىيىن مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىدىكى «تۈرتكۈچ» قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا شىنجاڭ شىمۇيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ يېتىشتۈرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭ مول سېلىنلىق قوڭۇر كالىسى رەسمىي قوتاندىن چىقىرىلدى. بۇ بىر تۈركۈم مول سېلېنلىق قوڭۇر كالىلارنىڭ گۆشىدىكى سېلېننىڭ مىقدارى 0.15mg/kg بولۇپ، دۆلەتنىڭ مول سېلېنلىق كالا گۆشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، بازاردىكى سېتىلىش باھاسى ئادەتتىكى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى گۆشىدىن %20 يۇقىرى. مەھسۇلات بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زاكازلار كەلدى.

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، كالا گۆشىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە بازارنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.» شىنجاڭ شىمۇيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ تىڭشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىمىز ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوڭۇر كالا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، دەل جايىدا بېقىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يەم - خەشەككە نانو سېلېن قوشۇش ئارقىلىق، كالا گۆشىنىڭ سېلېن مىقدارىنى ئاشۇرۇش، گۆش كالىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىقتىدارى ۋە بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى لايىھەنى تېپىپ چىقىپ، بوردىلىدىغان قوڭۇر كالا نەسلىنى مول سېلىنلىق قىلىپ ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، بىز مول سېلىنلىق قوڭۇر كالا باقمىچىلىق كۆلىمىنى 5000 تۇياققا كېڭەيتىپ، شىنجاڭ مول سېلىنلىق گۆش كالىسى يادرولۇق كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارنى تىيانشان ئېتىكىدىن كەلگەن ساغلام مەززىلىك تەمنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى جۇ تىڭشىن.

مول سېلىنلىق قوڭۇر كالا شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېزا ئىگىلىك كەسپلەر توپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانلىرىنى قۇرۇپ، «بوردىلىدىغان قوڭۇر كالا 1 - نومۇر» 5K نەسىل يېتىلدۈرۈش شىنپيەنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ۋە قوللىنىپ، ئىلى ئېتى، گۆش قويى، قوغۇن، ياڭاق قاتارلىق ئەلا نەسىل - سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا نەسىل - سورت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە نەسىل - سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ھەرقايسى جايلار ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى بىلەن پائال بىرلىشىپ تېخنىكا سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكچىلىك قىلىش - مۇلازىمەت قىلىشنى دائىملىق قانات يايدۇردى. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى سىجىل ئاشتى، پەن - تېخنىكىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا بولغان تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەپ قۇرۇلغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقات مەركىزى رەسمىي يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەرىكەت ھالىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورىنى بەرپا قىلىپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت ۋە تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇپ كېڭەيتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم يۆنىلىش، مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ يادرولۇق ئۇرۇقلۇق مەنبەسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەلەمپەيسىمان ئېنىق ئايرىلغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، مۇۋاپىق رىقابەتلىشىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرىدۇ. ھەرقايسى جايلار مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇلنى توپلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنى قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىشەنچلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.