تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

زۇمرەت ئوبۇل قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

​مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، قىسمەن كەسپىي مەكتەپلەر، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقىدىكى ئەمەلىي مەشىق بازىلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ دوكلات ئاڭلىدى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەكتەپ تارىخى سارىيى، مەكتەپ - كارخانا بىرلەشمە تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقى قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: كەسپىي مائارىپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەسپىي مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتىكى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەسپىي مائارىپ توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئاقسۇ تېخنىك شۆيۈەنى، شىنجاڭ جىخۇا كىيىم - كېچەك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈردى. زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: كەسپىي مائارىپقا دائىر قانۇن - نىزام تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشتىكى ھەرقايسى ساھەلەر، مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى ھەرقايسى ھالقىلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ھەرقايسى تەرەپلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت - نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى، كەسىپ تەسىس قىلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ تۇتاشتۇرۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى ماسلىشىشچانلىقى، تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسەت ۋە خىراجەت مەدىتىنى زورايتىپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەنۋەر تۇرسۇن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.