− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
پەن - تېخنىكا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىش مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ جېنى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا باشتىن - ئاخىر يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇردى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىدە سۈپەت جەھەتتە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگوچە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچ توپلىدى.
يول باشلاش، يۆنىلىشنى بېكىتىش:
ئىلمىي پىلانلاپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش
بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىدىكى باغچە رايون كۆرگەزمە زالىدا، «كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن لوزۇنكا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا تۇنجى قېتىم جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى بولۇپ بۇ جايغا كېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم قاتارلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى.
پەقەت ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، باغچە رايونى بۇ يېڭىلىق يارىتىشتىكى مېھىرلىك تۇپراقتا قەد كۆتۈرۈپ، مەشغۇلات سىستېمىسى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، مۇلازىمېتىر، پۈتۈن ماشىنا تېرمىنالى، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمىتى، قوللىنىشچان يۇمشاق ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى 1000 كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كېمىلەر بەيگىگە چۈشكەن، كېمىلەر بەس - بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدىغان جۇشقۇن تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا. دۆلىتىمىزنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك ئامىللارنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، گەۋدىلىك كەمتۈك مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.
پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشتىن كەلگەن.
5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىيات مۇساپىسى داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان مەدەنىيلىكنى يارىتىپ، دۇنياغا سانسىزلىغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەقدىم قىلدى. 16 - ئەسىردىن بۇيان، دۇنيادا كۆپ قېتىم پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى يۈزبېرىپ، ھەر قېتىم دۇنيانىڭ كۈچ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئېقىمىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ، خەلقنى بېيىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى كۆپ قېتىم قولدىن بېرىپ قويدى.
«بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك ياكى قۇدرەتلىك ئەمەسلىكىنى يەككە ھالدا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتكىلى بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تاپقان ياكى قۇدرەت تاپمىغانلىقىنىمۇ يەككە ھالدا نوپۇس كۆلىمى، زېمىن كۆلىمىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتكىلى بولمايدۇ.» دەل پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى تارىخى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېقىنقى زامان تارىخىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئارقىدا قېلىپ بوزەك بولۇشىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ بىرى دەل پەن - تېخنىكىدا ئارقىدا قالغانلىقىدا.»
يېڭىلىق يارىتىش روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئۈستۈنلۈكى. كەلگەن يولىغا بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش، كەلگۈسىنى ئېنىق كۆرۈش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ يول باشلىغۇچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تارىخىي ئاڭلىقلىققا ئىگە قىلدى، قانداق قىلغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يولىدا ياخشى ماڭغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى.
«مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئۆزگىرىشنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.»
«ئەگەر بىز ئۆزگىرىشنى تونۇمىساق، ئۆزگىرىشكە ماسلاشمىساق، ئۆزگىرىش ياساشقا ئىنتىلمىسەك، ئىستراتېگىيەلىك پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمىز، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمىز، ھەتتا پۈتكۈل بىر دەۋرنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.»
«جۇڭگو قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىشتە چوقۇم پەن - تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىلىم - پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشى كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى ماركسىزملىق پەن - تېخنىكا قارىشىنىڭ پەن - تېخنىكىنىڭ رولىغا بولغان تونۇشىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ كۆپ قېتىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئۇل تەتقىقات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈردى؛
قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. يېڭىلىق ياراتمىساق ئارقىدا قالىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولسىمۇ ئارقىدا قالىمىز»؛
ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىزنىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول»...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، روشەن ئىجادچانلىق، خەلقچىللىق ۋە ئېچىۋېتىش خاراكتېرى قاتارلىق نەزەرىيە پەزىلىتىگە ئىگە.
مەۋقەنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇپ، ئومۇملۇقنى كۆزلىدى. دەل جايىدا پىلانلاپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ يول باشلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى...
پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى ھەم زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەم زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى دېگەن نېمە، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟
2024 - يىلى 6 - ئايدا، مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا تەرەققىياتىدىكى تارىخىي يېڭى ئورۇندا تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك چىقاردى −
بىز قۇرۇپ چىقماقچى بولغان پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى «كۈچلۈك ئاساس تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى» «كۈچلۈك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى» «كۈچلۈك خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچى» «كۈچلۈك يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە توپلاش ئىقتىدارى» «كۈچلۈك پەن - تېخنىكا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى»نى ھازىرلىشى شەرت.
«بەشتە كۈچلۈك بولۇش»تا ھەم ئاساس، تىرەك بار، ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، كاپالەت بار، بۇ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئېنىق قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى.
پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش جەھەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەجرىبىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا ئوچۇق ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» ئىدىيەدىن ئىستراتېگىيەگىچە، يەنە ئەمەلىيەتكىچە بولغان مۇكەممەل سىستېما بولۇپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى...
كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى، مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا خىزمىتىنىڭ «بىر تاختا شاھمات» ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇلدى.
بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كېچىدە، بىر پارچە كۈچلۈك يالقۇننىڭ بىپايان ئاسماننى كېسىپ ئۆتۈشى بىلەن، شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچتى. بۇ، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا تۈر تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 40 - قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىكى بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا بىر يىل تۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئۈچ قېتىم «ئاسمان - زېمىن سۆزلىشىش»ى ئېلىپ بارغانىدى. 2013 - يىلى شېنجوۋ 10 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگولۇقلار ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە قەدەمنى تېخىمۇ چوڭ ئالىدۇ، تېخىمۇ يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.»
ئارزۇ قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، يېڭىلىق يارىتىش شۇنچە ھەيۋەتلىك بولىدۇ.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئالەم بوشلۇقىنى كەزدى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكتى، «جۇڭگو تيەنيەن» ئالەمنى چارلاپ كۆزەتتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلانلار سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ مودېل دۇنيانىڭ ئوچۇق كود ئېكولوگىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلدى...
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خەۋپسىزلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.
يېڭى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىش:
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىش
«قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»تىن ئىبارەت قېلىنلىقى ئارانلا 0.02 مىللىمېتىر كېلىدىغان بۇ خىل ئىنتايىن نېپىز داتلاشماس پولات ياپراقچىسى تېخنىكىسى ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل چەت ئەللەر تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانىدى.
2020 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ سېخىغا كىرىپ، «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىكنى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: «سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىققا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
سەمىمىي تاپشۇرۇق قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. كوللېكتىپ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى بويىچە يەنە بىر قېتىم رېكورتنى يېڭىلاپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.
«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھۆكۈمى بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا يېڭىلىق يارىتىش ساداسىنى ياڭراتتى.
جېجياڭ خاڭجوۋدا، «بىر كىشىلىك شىركەت»لەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بارلىققا كەلدى. بىر ئادەم، بىر كومپيۇتېر، بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوراللار، ئىلگىرى ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشى زۆرۈر بولغان كەسىپلەرنى ھازىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان بولدى؛ خۇبېي زىگۇيدا، رەقەملىك تۆۋەن بوشلۇق تېخنىكىسى تاغلىق جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كۈچ قوشتى، ئادەمسىز ئۇچقۇ باغۋەنلەرنىڭ چىچېڭ توشۇشىغا، ئۆسۈملۈكلەرنى دەل جايىدا ئاسرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەم كۈچى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى؛ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، ياشلار كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان باش سۆڭىكى ۋە مېڭىگە قان چۈشۈشنى تەكشۈرۈش - ئانالىز قىلىش ئۈسكۈنىسى كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزدى...
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك يادرولۇق تىرەك تاۋلاپ چىقىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا؛ ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك، يېمەكلىكنى تېخىمۇ ئەلا، قاتناشنى تېخىمۇ تېز، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى؛ ئىدارە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جۇشقۇن قۇۋۋەت بېغىشلىدى.
ئەگەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تال «ئۇرۇق»قا ئوخشاتساق، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىر تۈپ «چوڭ دەرەخ» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى، دەرەخنىڭ پەلەككە تاقىشىشى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان مۇنبەت تۇپراقتىن ئايرىلالمايدۇ.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسىنى قايتا تۈزمەكتە، دۇنيا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ تەخىرسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.»
«سىلەر قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىشتۈرۈپ چىقتىڭلار؟» «تەننەرخنى قانچىلىك تۆۋەنلەتتىڭلار؟» «خەلقئارا نۇقتىدىن قارىغاندا قانداق ئەۋزەللىكى بار؟»
2024 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى ھەم تەپسىلىي سورىدى.
2013 - يىلىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەن دۇڭخۇ دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودا تۇنجى ئوپتىك تالا بارلىققا كەلگەن بۇ جايغا فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كارخانىسىدىن 16 مىڭى توپلانغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوپتىك تالا، ئوپتىك كابېل ياسىمىچىلىق بازىسى، مەملىكەت بويىچە لازېر نۇر تېخنىكىسى مەنبەسىگە ئايلاندى.
بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈندىن شاڭخەي جاڭجياڭغىچە، چاڭجياڭ دەرياسى ساھىلىدىن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ ئىچكىرىسىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ جانلانغان جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، «تۆت زەنجىر»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
گۇاڭدۇڭدا، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك»؛
جياڭسۇدا، سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىغا كىرگەندە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى يېتەكچى قىلغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك»؛
خۇنەندە، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تېزدىن رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»...
ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بولۇش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر» بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى؛ ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاغرىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى.
«پەن - تېخنىكا ساھەسى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ساھە» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ماسلىشىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئىككى چاق تەڭ ئايلىنىشى كېرەك»...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، تۈزۈمدىكى «توسۇق»نى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش شەرت.
دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش، ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىندى... يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
بېيجىڭ خۇەيروۋ ئىلىم - پەن شەھەرچىسىدە، ئاسىيادىكى تۇنجى 4 - ئەۋلاد ماس قەدەملىك رادىياتسىيەلىك يورۇقلۇق مەنبەسى قۇرۇلۇپ ھەم سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلۈپ، چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلمىسى ئاساس تەتقىقات بىلەن كەسىپتە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم كۆۋرۈككە ئايلاندى؛
شاڭخەي قاتناش داشۆسى كوللېكتىپى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ مودېلىنى ئاقسىلنى لايىھەلەشتە ئىشلىتىپ، ئەنئەنىۋى «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجرىبىسىگە تايىنىپ قېلىش ۋە كۆپلەپ خاتالىق سىنىقى ئېلىپ بېرىش» يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئاقسىل لايىھەلەش دەۋرىيلىكى ئۇزاق بولۇش، تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى...
يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تېز بارلىققا كەلدى، كەسىپ ئىقتىدار دەرىجىسى سىجىل تېز ئاشتى.
2025 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»ىنىڭ ئېكسپورت كۆلىمى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى موتور بولۇپ قالدى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 500 مىڭدىن، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 140 مىڭدىن ئاشتى؛ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپى تېز تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا ئاساسىغا تىرەك بولدى.
خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى بەرپا قىلىندى.
خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بېيجىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيغىچە كېڭەيتىش، شاڭخەي خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى چاڭجياڭ دېلتىسىغىچە كېڭەيتىش خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ يەككە شەھەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن رايونلارنى ماس بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2025 - يىللىق دۇنيا بويىچە 100 كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش توپىغا ئاساسلانغاندا، شېنجېن - شياڭگاڭ - گۇاڭجوۋ تۇنجى قېتىم تېزدىن دۇنيا بويىچە باش ئورۇنغا ئۆتكەن، بېيجىڭ، شاڭخەي - سۇجوۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇنيا بويىچە 4 -، 6 - ئورۇندا تۇرغان.
داۋاملىق كۈرەش قىلىش:
ئۇزاق مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش
ھازىر، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز قويۇق جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى خەلقئارا رىقابەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشتا، يېڭى مۇسابىقە مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئۇنىڭغا قوشۇلۇشىمىز، ھەتتا بەزى مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئارقىلىق بىز يېڭى مۇسابىقە قائىدىسىنىڭ مۇھىم تۈزگۈچىسىگە، يېڭى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ مۇھىم يېتەكچىسىگە ئايلىنىمىز.
چاڭئې 3 - نومۇردىن تيەنۋېن 1 - نومۇرغىچە، «ئاي شارىغا چىقىش»تىن «مارسقا چىقىش»قىچە بولغان ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى ئاتومنى قاتلاملار بويىچە سىرتقا كېڭەيتىش» تېخنىكىسىدا ئۇدا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، بىر قاتار يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك سۈنئىي ئۇلترا قۇرۇلما بەرپا قىلىندى... يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى بىرىنچى سەپتىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، پەن تەتقىقات ئەڭ ماكرو ھالەتكە قاراپ كېڭەيدى، ئەڭ مىكرو ھالەتكە قاراپ چوڭقۇرلاشتى، ئەڭ ناچار شارائىتنى يېڭىشكە قاراپ ئىلگىرىلىدى، ئەڭ ئۇنىۋېرسال گىرەلىشىشكە قاراپ كۈچىدى.
ئاساس تەتقىقات پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭ سەۋىيەسى بىر دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى ۋە زاپاس كۈچىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.»
ئەڭ مۇھىمى مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا.
ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشتىن «دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى نىزامى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن فوندنىڭ ئاساس تەتقىقات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىڭ يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇشىغىچە، بىر قاتار مۇھىم ھۆججەت ۋە مەخسۇس سىياسەتلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ئۇچۇرى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى چۆرىدەپ مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرى يولغا قويۇلدى؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى ۋە جايلىشىشى ئەلالاشتۇرۇلدى... ئاساس تەتقىقاتنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشى بىلەن، 2025 - يىلى دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى.
كىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلىيەلىسە، شۇ تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىيەلەيدۇ؛ كىم دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتەلىسە، شۇ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولالايدۇ.
«تۆت ھەممىنى بەلگىلەشنى تۈگىتىش»تىن «يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش»قىچە، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچۈن چۈشەك بوشىتىلىپ يۈك يېنىكلىتىلدى؛ «قابىللار باشلامچى بولۇش»تىن «يوشۇرۇن ئىختىساسلىقلارنى بايقاش»قىچە، كۆپچىلىك ئويلاشقا، سىناشقا جۈرئەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.
«پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسى ۋە كەسىپ يۇقىرى پەللىسىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىمىزگە تايىنىپ چىقىشىمىز كېرەك. سىلەرگە ئىشەنچىم بار، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا ئىشەنچىم بار، شۇنداقلا بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىمىزگە ئىشەنچىم بار»؛
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ. <ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس>، كۆپچىلىك دادىل بولۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك»؛
«پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى باھالاشتا يىراق كەلگۈسى نەزەر، دۇنياۋى نەزەر، ئىلمىي نەزەر بولۇشى كېرەك»...
تەكشۈرۈشتە بولۇپ، سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «ئادەمسىز رايون»غا بۆسۈپ كىرىشكە جۈرئەت قىلغان، «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يېڭىشكە جۈرئەت قىلغان پەن تەتقىقات خادىملىرىغا يار - يۆلەك بولدى ۋە ئىلھام بەردى.
ئوردېن بېرىپ، ئىززەت - ئىكرام بىلدۈرۈپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىلىم - پەن روھى ۋە ئالىملار روھى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىدىغان، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان دەۋر كەيپىياتىنى يېتىلدۈردى.
«پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى جايلار ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ «تۇلپار»لارنى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقە يولىدا بەس - بەستە بەيگىگە چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بېيجىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛
شاڭخەي ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، تاللاش ۋە يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ۋە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛
گۇاڭدۇڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى...
يېڭى دەۋردە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئېلان قىلىش، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە تۆت دەرىجىلىك تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىلىپ، ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم - پەننى ئۇلۇغلايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگونىڭ 42 - قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈشىنى ئىجرا قىلغان «شۆلۇڭ 2» ناملىق پاراخوت 199 كۈندە تەخمىنەن 35 مىڭ دېڭىز مىلى كېلىدىغان جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.
550 نەپەر پەن تەتقىقات تايانچى، خىزمەتچى خادىمدىن تەشكىللەنگەن ئاساسىي قوشۇن دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان جابدۇقلارغا تايىنىپ، چىلىن مۇز ئاستى كۆلىدە 3413 مېتىرلىق ئىسسىق سۇ بىلەن بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى بىراقلا ياراتتى، چىنلىڭ پونكىتى كەسپىيلەشكەن تەكشۈرۈش - كۆزىتىپ ئۆلچەش، يۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىغا رەسمىي كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە رۇسىيە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئاغرىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى تاماملىدى، كورېيەنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىنى يۆتكىشىگە ياردەملەشتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئوچۇق مۇھىتتا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئىش قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، بەلكى ھەممە تەرەپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، ھەممە تەرەپنىڭ كۈچىگە تايىنىش كېرەك.
جۇڭگونىڭ قۇتۇپتا ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەلەمپەيسىمان كۈچ ئۇلايدىغان يەرلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان پەن تەتقىقات جابدۇقلىرى دەل جۇڭگونىڭ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا سىڭىشىشتىكى ئىشەنچ ئاساسى.
شالغۇت شال تېخنىكىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقىدىكى نەچچە ئون دۆلەتتە ئەمەلىيلىشىپ ھوسۇلنى ئاشۇردى، زەمبۇرۇغسىمان ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، چاڭئې 6 - نومۇر ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ ئاينى بىرلىكتە تەكشۈردى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردە 80دىن ئارتۇق «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى...
«خەلقئارا چوڭ ئىلىم - پەن پىلانى ۋە چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشىنى باشلامچى بولۇپ ياخشى تەشكىللەپ، ھەرقايسى دۆلەت پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىنسانىيەت ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
جۇڭگو 160تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ھۆكۈمەتلەر ئارا 100 پارچىدىن ئارتۇق پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، خەلقئارا ئىسسىقلىق يادرو يىغىلىش تەجرىبە رېئاكتورى (ITER)، كىۋادرات كىلومېتىر سەپلىك رادىيو تېلېسكوپى (SKA) قاتارلىق 60 نەچچە تۈرلۈك خەلقئارالىق چوڭ ئىلىم - پەن پىلانى ۋە چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتناشتى.
پۇرسەتكە ئازراقلا سەل قارالسا قولدىن كېتىدۇ، ئۇنى تۇتالىساق پۇرسەت، تۇتالمىساق خىرىس بولىدۇ.
«بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بىز دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق!»
ھازىر، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت توققۇز يىللا ۋاقىت قالدى. بىز «15 - بەش يىل» باشلانغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسنى پۇختىلاش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان قەتئىيلىك، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ تىرىشىپ ئىشلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا پۇختا قەدەم بىلەن ئاتلىنىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن سىجىل كۈچ قوشىدۇ!
(مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، خۇ جې، ۋېن جىڭخۇا، لى خېڭ، پېڭ يۈنجيا، گۇ تيەنچېڭ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






