تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ بويىچە كۈزگى بۇغداينى يىغىۋېلىشنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نۇرغۇن كۈزگى بۇغداي يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىدا «تۇنجى قېتىملىق بۆسۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سەۋىيەسى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
بۇ بۆسۈشلەر تۆۋەندىكىچە: خوتەن ۋىلايىتىدە كۈزگى بۇغداي مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى رېكورتى تۇنجى قېتىم 700 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 704.2 كىلوگىرامغا يەتكەن؛ قەشقەر ۋىلايىتىدە 100 مو مەركەزلىك تۇتاش يەردىكى كۈزگى بۇغداينىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى رېكورتى تۇنجى قېتىم 700 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 702 كىلوگىرامغا يەتكەن؛ بىڭتۇەن 2-شى 29-تۇەن جەنۇبىي شىنجاڭدا بالدۇر پىشار كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش يېڭى رېكورتىنى يارىتىپ، مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى رېكورتى تۇنجى قېتىم 800 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 826.22 كىلوگىرامغا يەتكەن؛ بىڭتۇەن 1-شىدا 100 مىڭ مو مەركەزلىك تۇتاش يەردىكى كۈزگى بۇغداينىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى رېكورتى تۇنجى قېتىم 700 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 733.37 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 100 مىڭ مو مەركەزلىك تۇتاش يەردىكى كۈزگى بۇغدايدىن مو بېشىدا كەڭ كۆلەمدە ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلغان.
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى تولغانجى كەنتىدىكى بۇغداي تېرىش بازىسىدا، چوڭ تىپتىكى ئۈچ كومبايىن بۇغدايلىقتا بۇغداي ئورۇماقتا. سۈرەتنى خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى ئاپتونوم رايون بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. كېيىنكى قەدەمدە پەن تەتقىقات خادىملىرى تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، تېخنىكىنى ياخشىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا يوشۇرۇن كۈچىنى ئەمەلىي ھوسۇلغا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھاسىلاتىنى دېھقانلارنىڭ ھوسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندا بۇغداي ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدۇ.






