تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

   ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ھەرقايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار:

   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى پات ئارىدا ئېچىۋېتىلىدۇ، ھازىر سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى، يولى، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

   1.نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى

   1. سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى: 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 18دىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18گىچە
   2. توردا سۈرۈشتۈرۈش ئادرېسى: /https://zkcjcx.wlmqwe.cn
   3. سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى: ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى، كىملىك نومۇرىنىڭ كېيىنكى ئالتە خانىسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇۋېتىپ، ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

   2.نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار تەلەپلەر

   ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 10دىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 16گىچە ئۆزىنى تىزىملاتقان مەكتەپكە يازما قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى سۇنۇپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى ھەرقايسى تىزىملاتقان مەكتەپلەرگە بىرتۇتاش قايتما ئىنكاس قىلىدۇ.

   3. سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى

   سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى: 8810105-0991

   4.سەمىمىي ئەسكەرتىش

   نەتىجىنى سۈرۈشتۈرۈش دەسلەپكى مەزگىلىدە تور بېتىگە كىرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولىدىغانلىقتىن، سىستېمىدا ئاسانلا تور توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي سۈرۈشتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى

2026-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.