تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بۇ بۆلىكىدە پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە 10 كۈن قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يول لىنىيەسىنى بىلىۋېلىڭ

    يول يۈزىدىكى بۇزۇلغان يەرلەرنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىپ، يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرەتلىك يولىنىڭ لىچېڭ جەنۇبىي ئۆتۈشمە يولىدىن لوپنۇر ئۆتۈشمە يولىغىچە بولغان بۆلىكىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك ئاسراش قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ.

    قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، بۇ يولنىڭ 32.1 كىلومېتىر بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە پۈتۈن ۋاقىت بۆلىكى، پۈتۈن ئاپتوموبىل يولىدا يېپىق ھالەتتە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن ئاپتوموبىللار G218 دۆلەت يولىدا ئايلىنىپ مېڭىشى كېرەك. ئەگەر يامغۇر، بوران قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىدا نورمال قۇرۇلۇش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، قاتناشقا چەك قويۇش ۋاقتى مۇناسىپ ئۇزارتىلىدۇ.

    قاتناشقا چەك قويۇلغان مەزگىلدە، بۇ يول بۆلىكىدىكى قوش يۆنىلىشلىك بارلىق ئاپتوموبىل يولىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈشى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆتكەن-كەچكەن ئاپتوموبىللار چوقۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ، G218 دۆلەت يولىنى بويلاپ يوللارغا بۆلۈنۈپ ئايلىنىپ مېڭىشى كېرەك. كونكرېت ئايلىنىپ مېڭىش لايىھەسى: لوپنۇر، چاقىلىققا بارىدىغان ئاپتوموبىللار لىچېڭ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىپ، G218 دۆلەت يولىدا ئايلىنىپ ماڭغاندىن كېيىن، G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ لوپنۇر ھەق ئېلىش پونكىتىدىن قايتىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىدۇ؛ كورلا، ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار لوپنۇر ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىپ، G218 دۆلەت يولىدا ئايلىنىپ ماڭغاندىن كېيىن، G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرەتلىك يولىنىڭ لىچېڭ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن قايتىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىدۇ.

يول باشلاش كۆرسەتمىسى.

    ئىگىلىنىشىچە، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىنىڭ ئىككى ئۇچى، ئۆتۈشمە كىرىش-چىقىش ئېغىزى ۋە دۆلەت يولىنىڭ بۆلۈنگەن نۇقتىلىرىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يولنىڭ تاقالغانلىقى، ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدىغان كۆرسەتمە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كۆرسەتمىسى قاتارلىق قاتناش بەلگىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، نەق مەيداندا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش خادىملىرى پۈتۈن كۈن دىجورنىلىق قىلىپ، ئاپتوموبىللارنى يوللارغا تەرتىپلىك بۆلۈنۈشكە يېتەكلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈر گۇرۇپپىسى يېتەرلىك قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە قۇرۇلۇش خادىملىرىنى سەپلەپ، 24 سائەت ئىسمېنا-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ نۆۋەتلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىشنى يولغا قويۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا تىرىشىدىكەن.

قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى مەشغۇلات قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.